شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدا 839 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات(لايىھە)نى قاراپ چىقتى. 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 14كە قەدەر، يىغىندا جەمئىي 839 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تېما تاللاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى، بۇ، بىرقەدەر كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئەزالارنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.

يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەرنى مەركەزلىك ھالدا بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر، ئادەتتىكى چاغلاردا تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت