شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە) قاراپ چىقىلدى، دوكلات لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرىم سىمايىلخان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ھەيئەت رىياسىتى ئەزاسى 120 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 112 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، بۇ نامزاتلار ئىسىملىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ سايلاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى (لايىھە)، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) ماقۇللاندى، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى تەرتىپ بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرىم سىمايىلخان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت