شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى▏ تۇنىيازنىڭ خەينەنلىك تۇغقىنى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

   ئۆيگە خەينەندىكى تۇغقىنىم كەلدى 

    «يىگىت، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قالدى، قېلىنراق كىيىنىڭ، بۇ يەر خەينەن ئەمەس.» 11ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى تىكەنقۇرۇق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى تۇنىياز نۇر جاۋ جىيۈەننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆيۈنگەن ھالدا قارشى تەرەپكە سالام قىلدى.

  «بولىدۇ، سىزمۇ قېلىنراق كىيىنىڭ، بىز يەنە بىللە چېگرا چارلىغىلى بارىمىز!» دېدى جاۋ جىيۈەن جاۋابەن.

  ​ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان تۇنىياز بىلەن خوتۇنى ئايشەم مامۇت ئىككىلىسى چېگرا قوغدىغۇچى، 1998-يىلى تۇغۇلغان جاۋ جىيۈەن ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى بوزدۆڭ چېگرا ساقچىخانىسى تىكەنقۇرۇق كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى. 2019ـ يىلى، جاۋ جىيۈەن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكوۋ شەھىرىدىن تىكەنقۇرۇق كەنتىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، تۇنىياز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلاشتى.

  «خەينەندىن كوكۇس كۆپ چىقىدۇ، كوكۇستىن كوكۇس كەمپۈتى، كوكۇس تالقىنى، كوكۇس تورتى قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ.» دەسلەپ تونۇشقاندا، جاۋ جىيۈەن دائىم خەرىتە ئارقىلىق تۇنىيازغا خەينەننى تونۇشتۇراتتى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، تۇنىياز خەينەننىڭ تەبىئىي مۇھىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەدرىجىي چۈشەندى، يەنە خەرىتە كۆرۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. جاۋ جىيۈەن خەرىتىدىن پايدىلىنىپ، تۇنىياز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋەتىنىمىزنىڭ داڭلىق تاغ ـ دەريالىرى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئاز-ئازدىن چۈشەندۈردى.

  بىر كۈنى، تۇنىياز جاۋ جىيۈەننى ئىزدەپ كېلىپ: «سىز خەينەندىن كەلدىڭىز، چېگرا ساقچىخانىمىزنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جايلارنىڭ يەر شەكلىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيسىز، بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى ئاپتوموبىل بىلەن چارلاشقا چىققاندا ياكى پىيادە چارلاشقا چىققاندا بولسۇن، مېنى چاقىرىۋالسىڭىز، مەن سىزگە يول باشلاي» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جاۋ جىيۈەن ناھايىتى تەسىرلەندى.

  ئارىلىشىش ئارقىلىق، جاۋ جىيۈەن تۇنىياز ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتايىن ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق ۋاقىتتا «ھۆكۈمەت ئىشى»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ جاۋ جىيۈەننى چەكسىز قايىل قىلدى.

  تۇنىيازنىڭ ئوغلى ئەكبەر تۇنىياز ئۆيىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ھەپتە ئاخىرىدىلا ئۆيىگە قايتالايتتى. تۇنىياز ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە بەك ئەھمىيەت بېرەتتى، لېكىن ئۆزى تەكرار قىلىپ بېرەلمەيتتى. جاۋ جىيۈەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتا سوئاللارنى خاتىرىلەيدىغان دەپتەر سېتىۋېلىپ، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئېلىش ۋاقتىنى چىقىرىپ بالىغا بىر سوئال-بىر سوئالدىن چۈشەندۈرۈپ، ئەكبەرنىڭ بارلىق خاتا سوئاللىرىنى تۈزىتىشىگە قاراپ تۇردى. جاۋ جىيۈەن ئەكبەرنىڭ تىل-ئەدەبىياتتا ئوقۇپ چۈشىنىش جەھەتتىمۇ كۈچەيتىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ، توردىن نۇرغۇن ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئىزدەپ توپلاپ بېسىپ چىقىرىپ ئەكبەرگە ئاپىرىپ بەردى، ئۇنىڭغا مەشىقنى كۈچەيتىشنى تاپىلىدى.

  ئەكبەر بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئىپادىلىشى ئانچە راۋان ئەمەستى، جاۋ جىيۈەن ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا بىر خەت، بىر جۈملىدىن ئۆگەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جاۋ جىيۈەنمۇ تۇنىيازدىن ئۇيغۇر تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەندى.

  بۇ يىل 1ـ ئايدا، تۇنىيازنىڭ نەۋرە ئىنىسى كۆيۈپ يارىلىنىپ ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، تۇنىياز بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. جاۋ جىيۈەن ھەر كۈنى خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن تۇنىيازنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىشىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ھەپتە ئاخىرى ئەكبەرنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى  مەكتەپكە بارغاندا ئاپىرىپ-ئەكېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  باھار بايرىمى، روزا ھېيت قاتارلىق بايراملاردا بىللە ئولتۇرۇپ جەم بولۇش تامىقى يېيىش؛ ئوقۇش باشلانغاندا، بىرىنچى بولۇپ سومكا، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش... تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، جاۋ جىيۈەن بىلەن تۇنىياز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

                                                                                                  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت