شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
خۇڭفاڭزى كەنتىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى
يوللانغان ۋاقىت :2023-01-10 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

  «ئاچا، يېقىندىن بۇيان ئۇۋۇلاش تېخنىكىسىنى قانداقراق مەشىق قىلدىڭىز، قەيەردە دۇكان ئېچىشنى ئويلىشىپ بولدىڭىزمۇ؟» 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىخو شەھىرى جاخوزا يېزىسى خۇڭفاڭزى كەنتىدە، ئېرزات ئاقان خىزمىتىنى تۈگىتىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش كەنت ئاھالىسى چى شياۋيىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلىدى.

  «سىزنى ياردەم قىلىپ يول كۆرسىتەرمىكىن دەپ تۇراتتىم، قايسى جايدا دۇكان ئاچسام بولار؟» دېدى چى شياۋيىڭ جاۋابەن.


  11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئېرزات ئاقان (سولدىن 2-كىشى) قوشماقلاشقان تۇغقىنى چى شياۋيىڭ، جاڭ كەيرېن ئەر-خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ قىزى بىلەن پاراڭلاشماقتا.

  جىڭ فاڭ فوتوسى

  ئېرزات شىخو شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خۇڭفاڭزى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ، 2018-يىلى چى شياۋيىڭ بىلەن تۇغقانلاشقانىدى.

  بىر قېتىم، چى شياۋيىڭنىڭ ئېرى جاڭ كەيرېننىڭ تۇيۇقسىز بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، مىدىرلىيالماي قالىدۇ. ئائىلىسىنىڭ 100 مودىن ئارتۇق يېرىدىكى كۆممىقوناقنىڭ يىغىۋېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ناۋادا يامغۇر يېغىپ قالسا كۆممىقوناقلارنىڭ ئېتىزدىلا سېسىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى غەم قىلىپ ئۇخلىيالمايدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئېرزات كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ جاڭ كەيرېننىڭ ئېتىزىغا بېرىپ كۆممىقوناقلارنى يىغىشقا ياردەملىشىدۇ.

  «شۇ چاغدا پىژغىرىم ئىسسىق بولۇۋاتتى، ئېرزاتنىڭ بىلىكىنى كۆممىقوناق يوپۇرمىقى تىلىۋېتىپ، نۇرغۇن قىزىل چېكىتلەر پەيدا بولدى، ھەم ئاغرىپ، ھەم قىچىشقان بولسىمۇ، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي داۋاملىق ياردەملەشتى.» جاڭ كەيرېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، سالامەتلىكىم ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە بەرداشلىق بېرەلمىدى، ئېرزات ماڭا ياردەملىشىپ يەرلىرىمنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، يەنە دوستىغا ھاۋالە قىلىپ شەھەردىكى تورتخانىدىن ماڭا ئاپتوموبىل ھەيدەپ مال يەتكۈزىدىغان خىزمەت تېپىپ بەردى، ھەر ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالىمەن.

  ئېرزات ناھايىتى ئىنچىكە، ئۇ چى شياۋيىڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ئۇۋۇلاشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بايقاپ، مەقسەتلىك ھالدا بىر قىسىم جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، داۋالاش بويىچە ئۇۋۇلاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئۇۋۇلاش بىلىملىرى شۇنداقلا يازما ماتېرىياللارنى چى شياۋيىڭغا بىر-بىرلەپ يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنى پۇختا ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. كېيىن ئېرزاتنىڭ كۆپ قېتىم ئىلھام بېرىشى بىلەن، چى شياۋيىڭ يەنە مەخسۇس كەسپىي ئاپپاراتلارغا بېرىپ ئۇۋۇلاشنى ئۆگەندى. ھازىر، چى شياۋيىڭنىڭ ئۇۋۇلاش ھۈنىرى بار بولدى.

  ئېرزات چى شياۋيىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، خۇڭفاڭزى كەنتىدىكى باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  كەنت ئاھالىسى خۇاڭ زەيخاۋ مەلۇم سەۋەب بىلەن يېقىن تۇغقىنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، كەيپىياتىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. ئېرزات ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خۇاڭ زەيخاۋنى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا كۆپ قېتىم ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ.

  ئېرزات ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بېرىدۇ، يەنە ھەر يىلى قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كۆمۈرى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلقى بايراملاردا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۈندىلىك دورىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تېخىمۇ ئۈزۈپ قويمايدۇ.

  ھازىر، خۇاڭ زەيخاۋ ئېرزاتنىڭ ياردىمىدە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى تاپتى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  كەنت ئاھالىسى جۇ زىبىن، شى جېنيىڭ ئەر-خوتۇن ياشىنىپ قالغان ھەم كېسەلچان بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى سىرتتا ئىدى، ئېرزات خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ھەرقانچە ھېرىپ-چارچىسىمۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

  يېقىندا، شى جېنيىڭنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالدى، ئېرزات بىر تەرەپتىن شىخو شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، بىر تەرەپتىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان ئاپتوموبىل بىلەن ئالاقىلىشىپ، شى جېنيىڭنى ناھايىتى تېزلا دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپاردى.

  كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جېنبونىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا 70 توننا سۇڭپىيازنى سېتىشىغا، كەنت ئاھالىسى شيا جىگاڭنىڭ 1000 مودىن ئارتۇق پاختىسىنى سېتىشىغا ياردەملەشتى... قىش كېتىپ ياز كەلدى، ئېرزات بارا-بارا خۇڭفاڭزى كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بىلەن بىر-بىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغان تۇغقانلارغا ئايلاندى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت