شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-09-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

خۇ چۇنخۇا تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى توقايېف، ئوربان، شاھباز، كاشمالىيېف، سەيىد، ئامال باياسگرېن، لىن يۈخۇي، جاڭ مىڭ نۇتۇق سۆزلىدى

ۋاڭ شوۋۋېن تەبرىك سۆزى قىلدى ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھەم تىيانشان مۇنبىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھەم تىيانشان مۇنبىرى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئالدى بىلەن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا ئوقۇپ ئۆتتى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئاساسلىق مېھمان دۆلەت قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف، ئاساسلىق مېھمان دۆلەت ۋېنگىرىيەنىڭ زۇڭلىسى ئوربان، پاكىستاننىڭ زۇڭلىسى شاھباز، قىرغىزىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى كاشمالىيېف، تاجىكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى سەيىد، موڭغۇلىيە دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ئامال باياسگرېن، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى لىن يۈخۇي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ مىڭ سىنلىق نۇتۇق سۆزلىدى.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى، قوشۇمچە مۇئاۋىن مىنىستىر ۋاڭ شوۋۋېن سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋاڭ شوۋۋېن تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 2013 - يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي، مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىق مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى ۋە چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاكتىپ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى داۋاملىق قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ھەم ھەر ساھەدىكى دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز بۇنىڭدىن زور ئىلھاملاندۇق، ھەسسىلەپ روھلاندۇق. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرىمىز. مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەر ساھە دوستلار بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمىز.

تىيانشان مۇنبىرى بىلەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى، ئالتە دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار، ئىككى خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى»نى چۆرىدەپ نۇتۇق سۆزلىدى.

توقايېف نۇتقىدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، خەلقئارا ئەندىزىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. قازاقىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولدى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى خەلقئارا سودا سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورتىغا تېخىمۇ كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ يەرشارىۋى سودا تەرەققىياتى ھەم ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئوربان نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە شەرق بىلەن غەرب ھەمكارلىقىنىڭ قەتئىي تەشەببۇسچىسى، جۇڭگو ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ياۋروپا ئەندىزىسى بۇنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، بىز تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىغان ياۋروپا دۆلىتى بولغانلىقىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز. بىز ۋېنگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلىمىز.

شاھباز نۇتقىدا مۇنداق دېدى: پاكىستان بىلەن جۇڭگو بىر - بىرى بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن ياخشى قېرىنداشلار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرى يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ياراتماقتا. بىز رايون ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

كاشمالىيېف نۇتقىدا مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، بۇ، قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىن تاللايدىغان يۆنىلىشتە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە مۇقەررەر ھالدا قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

سەيىد نۇتقىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاجىكىستان چېگراسى ئىچىدە يولغا قويۇلغان ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. كۆرگەزمە ئارقىلىق پائال، ئەمەلىي ئالاقە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئامال باياسگرېن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى زۆرۈر. يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كارخانىچىلار ئارزۇ قىلىدىغان چوڭ سۇپىغا ئايلىنىدۇ، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ.

لىن يۈخۇي نۇتقىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاسىيانىڭ ياۋروپا - ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈردى. ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان جانلاندۇرۇش رامكىسى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇمغا كوللېكتىپ تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى. چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاڭ مىڭ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاشقى ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تيەنجىن، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، گۇيجوۋ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي مۇنبەرگە قاتناشتى. ئالاقىدار دۆلەتلەردىن كەلگەن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سىنلىق قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم ئەزىز مېھمانلار كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم شىنجاڭغا كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان بىر قىسىم ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت