شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەشۋىقات شوئارى بېكىتىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-09-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى تەشۋىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كۆرگەزمىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ قىزغىن، خۇشال جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، كۆرگەزمە كاتىبات باشقارمىسى «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئون تەشۋىقات شوئارىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى شىداچياۋ كۆۋرۈكىدە، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كۈتۈۋېلىش باش تېمىسىدا گۈل بېزەك ياسالدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي فوتوسى


     10 تەشۋىقات شوئارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش» «تىرىشىپ شىنجاڭنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» «يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» «تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش» «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» «7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!» «7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ!» «ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئۇچرىشىپ، يىپەك يولىنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى» «يىپەك يولى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش   7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ!»دىن ئىبارەت.
    بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ شوئارى 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېىغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قىزىق نۇقتىلار تىرىشىپ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتەك گۈزەل ئارزۇغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت