شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردە پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-09-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردە پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دېيىلدى) دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىلىم - پەن ئىدىيەسىنى تارقىتىش، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىش پائالىيىتى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسى تېز ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇش جايىدا بولماسلىق، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېخى مۇكەممەل بولماسلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، توردا ساختا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىممەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىلىم - پەن روھى ۋە ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «تۆتكە يۈزلىنىش» ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار قاتارلىقلار ماس ئالغا سىلجىتىدىغان ئىجتىمائىيلاشقان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ زىچ بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سۆھبەتلىشىش سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025 - يىلىغا بارغاندا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش رولى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە ئىلىم - پەن ساپاسى قۇرۇلۇشى سىستېمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان كەڭ كۆلەمدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەندىزىسى تېزدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا قاتنىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ھازىرلاش نىسبىتى %15تىن ئاشۇرۇلىدۇ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇلۇغلايدىغان كەيپىيات تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ھازىرلاش نىسبىتى %25كە يەتكۈزۈلىدۇ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت