شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 - قېتىملىق يىغىنى 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 56 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 34 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش بەلگىلىمىسى لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2022 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى نازىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايون بەرپا قىلىش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى، 2022 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاۋ چىڭ، قادىلبېك قامزا، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى، بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيەلىك، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت