شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گاۋ فېڭ، شى شىننىڭ 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن 2022 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 827 مىليارد 904 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، 1 - پەسىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت كېڭىيىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىشتەك قوش ئامىلنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا كۈچلۈك ئېلاستىكلىق نامايان بولدى، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇلدى، ئومۇمىي گەۋدە مۇقىملاشتۇرۇلدى؛ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولۇپ، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىم ياخشىلىنىش، پۇختا قەدەمدە ئېشىش»تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

ئۈچ كەسىپنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 55 مىليارد 474 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە ھوسۇلى مۇقىم ئاشقان، بېقىلىۋاتقان چارۋىلارنىڭ سانى تېز ئاشقان. 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 350 مىليارد 88 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئاشقان، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر تېز ئاشقان، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كۈچلۈك بولغان، 40 ساھەدىكى چوڭ تۈرلەر ئىچىدە 23 ساھەنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، نېفىت، مېتاللوئىد، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالتە نۇقتىلىق ساھەنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولغان. 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 422 مىليارد 342 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بازىرىدا ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئىستېمال باھاسى سىلىق ئۆرلەش ھەم مال ئىمپورت - ئېكسپورتى تېز ئېشىشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 295 مىڭ 700 كىشى بولغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 16 مىڭ 600 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 2 مىليون 408 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %64.3ى، %57.2ى ۋە %87.6ى ئورۇندالغان، شەھەر - بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ھەر ئايدا بىردەك %5.5لىك كۆزلىمە نىشان ئىچىدە كونترول قىلىنغان؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان. مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 91 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.1 ئاشقان.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈچ كەسىپنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %7.3، %37.8، %54.9 بولغان. ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولغان، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم نىسبىتى 7.93:1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كىچىكلىگەن.

كېيىنكى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت