شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزەرىدىكى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قالتىس ئون يىلى»
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزەرىدىكى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قالتىس ئون يىلى»

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى «بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزەرىدىكى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قالتىس ئون يىلى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2022 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھەيران قالدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو تەرەپكە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.» جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆرۈشكەندە، فېرناندېس چىن قەلبىدىن ئۆزىنىڭ ئېكسكۇرسىيە تەسىراتىنى سۆزلىدى. ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نيۇ ۋاڭداۋ جۇڭگو تىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە قىلىپ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى!»

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مىسلىسىز مۇجەسسەملەپ، ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قالتىس ئون يىلى دۇنيانى ھەسسىلەپ ھەيرەتتە قالدۇردى.

  بۇنىڭغا قانداق مۇۋەپپەقىيەت شىفىرى مۇجەسسەملەنگەن؟ دۇنياغا قانداق چوڭقۇر ئىلھام بېغىشلىدى؟ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن يەنە قانداق چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە؟ فېرناندېسقا ئوخشاش ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى ساھە زاتلىرى زور قىزغىنلىق بىلەن كۆزەتتى، ئىزدەندى، پىكىر يۈرگۈزدى.

  بىر ئورتاق تونۇش تېخىمۇ كۈچەيدى: بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك.

  ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: (1) «جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە»؛ (2) «خەلقنى مەركەز قىلىش بىزنىڭ تۈپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەمىز»؛ (3) «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش».

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۇنياغا قۇچاق ئاچقاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچقىلى بولىدۇ؛ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى يېتەكلەپ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت