شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 6 مىليون 552 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىشى مۆلچەرلەندى

كومبايىنلار گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا كۈزگى بۇغداي ئورۇماقتا (7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسى 655 مىڭ مو كۈزگى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالدى. □خې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2022 - يىلى شىنجاڭدا يازلىق يىغىم ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلىدا «ئۈچتە ئېشىش» كۆرۈلگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ئومۇمىي ھوسۇلى 13 مىليارد 104 مىليون جىڭغا، يەنى 6 مىليون 552 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 278 مىليون جىڭ كۆپىيىپ، %2.2 ئاشىدىكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداينىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 13 مىليارد 70 مىليون جىڭغا، يەنى 6 مىليون 535 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 275 مىليون جىڭ كۆپىيىپ، %2.1 ئاشىدىكەن.

ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تېرىلغۇ يەر ۋە ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، خاس زىرائەتلەردىن ئىبارەت «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىرقەدەر كۈچلۈك تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىغا، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كۈچىگە ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون 2022 - يىلى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىپ، كۈزگى، يازغى بۇغداي ئەمەلىي ياردەم تولۇقلىمىسى سوممىسىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر مو يەرنىڭكىنى 230 يۈەن ۋە 229 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 يۈەن ۋە 114 يۈەن ئۆستۈرۈپ، بۇغداي ياردەم تولۇقلىمىسى بويىچە «ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 371 مىڭ 500 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 281 مىڭ 200 مو كۆپىيىپ، %1.6 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 303 مىڭ 900 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 275 مىڭ 100 مو كۆپىيىپ، %1.6 ئاشتى.

بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان سولياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تەڭشەپ يۆتكەشنى پائال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە، ئېتىز باشلىرىغىچە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتتى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىك خادىملىرىنى كەنتلەرگە بېرىش، ئائىلىلەرگە كىرىشكە تەشكىللىدى؛ ماشىنىلارنى باشقا جايغا تەڭشەپ سەپلەش، رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى ھەم ۋاكالىتەن ھەيدەش، ۋاكالىتەن تېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەشغۇلات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 377.16 كىلوگىرام بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.92 كىلوگىرام ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداينىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 377.65 كىلوگىرام بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.96 كىلوگىرام ئاشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت