شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار»
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   □خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ يانەن، دىڭ يىتىڭ

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى» ئېلان قىلىندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئاشتى، 2 - پەسىللىك ئىقتىسادتا مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بۇ، تەستە قولغا كەلگەن مۇسبەت ئېشىش. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئەسىر يۇقۇمى بىلەن گىرەلەشتى، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن «ئۈچ قات بېسىم» تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى، مۆلچەردىن ھالقىغان ئامىللارنىڭ زەربىسى بىردىنلا كۈچەيدى.

  تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىدى: «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇرەككەپ، كەسكىن تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇقىملاشتۇردى».

  كەڭ كەتكەن ئېتىزلارغا نەزەر سالساق، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، تارىختىكى يۇقىرى پەللىدە يەنە ھوسۇل ئاشتى، «جۇڭگو تاماق قاچىسى» چىڭ، مەھكەم تۇتۇلدى؛ چەكسىز ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە، «شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى» ئوڭۇشلۇق قايتىپ كەلدى، «شېنجوۋ 14 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت خۇش خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى؛ ھەيۋەتلىك تاغ - دەريالارغا يىراقتىن نەزەر سالغاندا، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى 102 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى...

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا بىرتۇتاش پىلانلىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان دېڭىز چوڭقۇر، ھەيۋەتلىك، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق بولۇپ، شىددەتلىك بوران - چاپقۇندىن قورقۇپ قالمىدى.

  مۇسبەت ئېشىش تەستە قولغا كەلدى

  ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ساقلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاندى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى - تاشقى مۇھىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى، كەسكىنلەشتى، ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت «ئۈچ قات بېسىم» سىجىل روشەنلەشتى، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم قايتا كۆرۈلۈش، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مۆلچەردىن ھالقىغان ئامىللارنىڭ زەربىسى بىردىنلا كۆپەيدى. گەرچە مۇقىم باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن 3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە داۋالغۇش كۆرۈلدى، 4 - ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى زەربىگە ئۇچرىدى.

  ئېغىر، زور سىناق ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، سالماقلىق بىلەن قوماندانلىق قىلدى، «ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك».

  «بەش مۇقەررەر يول»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن «بەش ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىت»نى بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشكىچە؛ «ئاشلىق بىخەتەرلىكى <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن «دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى تەلەپ قىلىشقىچە؛ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامرات ئاممىغا ياردەم قىلىش - يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش»نى تەكىتلەشتىن «كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىيات ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش»نى تاپشۇرۇق قىلىشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە يېتەكلىدى.

  − يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چوڭ جەڭ، چوڭ سىناق ئالدىدا، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر مەيدان چوڭ سىناق. جۇڭگو «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋاقىتلىق ئازراق تەسىرگە ئۇچرىسا مەيلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلارنى ياخشى قوغداش كېرەك».

  ئىرادە ساقلىنىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، تىزگىنلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ئۈچۈن تۈپ ئالدىنقى شەرت ھازىرلاندى. 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ، «ئاستا مېڭىش كۇنۇپكىسى»نى باسقان گۇاڭدۇڭ شېنجېن شەھىرى مەكتەپلەردە دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى؛ 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى... ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، ئۆلگەن ئادەم سانى ئەڭ ئاز بولغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

  − ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كۈچلۈك بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئالدىغا قاراپ كۈچەش، دەل جايىدا بولۇش، كۈچلۈك بولۇش، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك.

  يېڭى بىرىكمە شەكىلدىكى باج - ھەق جەھەتتە قوللاش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ھەم باج قايتۇرۇش، باج كېچىكتۈرۈش، ھەق كېچىكتۈرۈش جەمئىي 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى؛ يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشى ساقلاندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن خەلق پۇلى قەرزى 13 تىرىليون 680 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 919 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلدى؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەھەر - يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىش ئورنىنى ئېلان قىلىش ياخشى ئىشلەندى... 33 تۈرلۈك سىياسەت ئارقىلىق دىققەتنى ئىقتىسادنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشتىن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىشكىچە، باسقۇچلۇق تەدبىر بىلەن تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئادىل بولۇش بىلەن دەل جايىدا قوللاش ماسلاشتۇرۇلۇپ، ماكرولۇق سىياسەتتە ئالدىغا قاراپ كۈچەپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلدى.

  بۇ يىل 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن 11 مىليون 514 مىڭ بازار سۇبيېكتى تەسىس قىلىندى. بازار سۇبيېكتلىرىنى قوغداش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغداش دېمەكتۇر، بىز تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلىدۇق.

  − تەرەققىيات بىخەتەر بولۇشى كېرەك. چوڭ داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئاشلىق مۇقىم بولسا جاھان تىنچ بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك، بىزنىڭ تاماق قاچىمىزغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى قاچىلىنىشى كېرەك.» كەڭ ئېتىزلاردا دېھقانلار يەر ئاغدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى چاپتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يازلىق ئاشلىقتا مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەرشارىۋى ئېنېرگىيە تەمىناتى جىددىي، باھاسى يۇقىرى بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.0، %4.9 ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش باھاسى باشتىن - ئاخىر ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى.

  ئەمەلىي ئىقتىساد دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى نامۇۋاپىق بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئاپتوموبىل، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق ماسلاشتۇرۇش سۇپىلىرى قۇرۇلدى، دىققەت نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا قايتىش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى... ھەرقايسى تەرەپلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

  بىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىدۇق. ئىقتىسادنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، 2 - پەسىلدە دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2 - پەسىلدە %0.4 ئاشتى، بۇ، 4 -، 5 - ئايلاردا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياج كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، بۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى» دېدى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي.

  نەتىجە قەغىزىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش بولدى

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، «مۇقىملىق»نىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش»نىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز توپلاندى

  «يېرىم يىللىق دوكلات»نى ۋاراقلاپ كۆرسەك، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش» روشەن ئاساسىي رەڭ بولدى.

  − ئۇنىڭ «شەكلى»گە نەزەر سالساق، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر تېز ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، «مۇقىملىق»نىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.

  كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىشىپ قايتا ئۆرلىدى.

  سانائەتنىڭ يۈرۈشۈشى 4 - ئايدىكى قىسقا ۋاقىتلىق تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 5 - ئايدا قايتىدىن مۇسبەت ئاشتى، 6 - ئايدىكى ئېشىش سۈرئىتى 5 - ئايدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛ 6 - ئايدا مۇلازىمەت كەسپى سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 7.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىي پائالىيەت كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى 5.8 پىرسەنت پوئېنتتىن %61كىچە ئۆرلىدى.

  بازار ئېھتىياجى سىجىل ئەسلىگە كەلدى. سېلىنمىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان تۈرلەردە تاماملانغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. ئېكسپورتقا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئاجىزلاشتى، ھالبۇكى دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 19 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى. ئىستېمالغا قارىغاندا، 6 - ئايدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇسبەت ئاشتى، دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە بازار ئىستېمالى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 6 مىليون 540 مىڭ كىشى بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %59ى ئورۇندالدى، بۇ، ۋاقىت تەرتىپى سۈرئىتىگە ئۇيغۇن. 6 - ئايدا، 25 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.5 بولۇپ، 2021 - يىلىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەگە تۆۋەنلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.4 ئەتراپىدا ئۆرلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ %7.5 تىن %9.5 كىچە بولغان ئۆرلەش نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى.

  كۆپ ساندىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 6 - ئايدا، 31 ئۆلكە ئىچىدە، 21 ئۆلكىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆرلىدى؛ 30 ئۆلكىدىكى نورمىدىن يۇقىرى بىرلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆرلىدى. يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە كۆپرەك ئۇچرىغان قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىدا پائال ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، مەسىلەن، 6 - ئايدا، شاڭخەي، جىلىننىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ۋە %6.3 ئاشتى، ھالبۇكى ئالدىنقى ئايدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %30.9، %4.9 تۆۋەنلىگەن.

  − ئۇنىڭ «ۋەزىيەت»ىنى كۆزەتسەك، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «ئىلگىرىلەش»نىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز توپلاندى.

  خۇنەن جۇجوۋدا، جۇڭچې جۇجوۋ ئېلېكتىر ماشىنىلىرى شىركىتىدە، چوڭ تىپتىكى سۆرەيدىغان ئېلېكتىر ماشىنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇراشتۇرىدىغان ماشىنا ئادەملەر ئەپچىل، ئەركىن ھالدا ئىشلەۋاتاتتى، كۆپ خىل ئېلېكتىر ماشىنىلىرى جانلىق، ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلۇپ، تىزگىنلەنمەكتە ئىدى. «ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىشتۇرغاندا، كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى %66 ئاشتى». شىركەت تەتقىقات يۇرتى ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياڭ جېنجۇڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانا تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئاساسقا ئىگە قىلدى».

  جياڭشى يىچۇندە، جىنخۇي لىتىي كەسپى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، 500دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «زاكازلار يىل ئاخىرىغىچە تىزىلىپ كەتتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشتى، مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %500 ئاشتى.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ تاۋ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى سېلىنمىنى 1 مىليارد يۈەن كۆپەيتمەكچى بولۇۋاتىمىز».

  گۇاڭدۇڭ جۇخەيدە، «جېنشىڭ» ناملىق دىيامېتىرى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بولغان قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسىنىڭ ئايلانما پىچىقى ئۇچقاندەك پىرقىراۋاتاتتى، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش − خېڭچىن ماڭجوۋ تونېلىنى قېزىش باشلاندى. «<جېنشىڭ> ناملىق قېزىش ماشىنىسى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى <قاتتىق تۇتاشتۇرۇش>تا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ.» تۈرنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ − جۇڭگو تۆمۈريول 15 - ئىدارىسى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ چاڭفۇ قەتئىي تەلەپپۇز بىلەن شۇنداق دېدى.

  بۇ جانلىق مىساللار خۇددى تىزىق مارجاندەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆگىمە رەسىمىنى جۇلالاندۇردى.

  بۇ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز ئايلاندۇرۇلغان، كەسىپلەر ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يېرىم يىل بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كۆلەمدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن 6.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئېشىپ، ئومۇمىي مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 14.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 2 - پەسىلدە، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، فوتوۋولتلۇق باتارېيە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %61.3، %50.6، %30.4 ئاشتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچكە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدى.

  بۇ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش چوڭقۇرلاشقان، «قوش كاربون» نىشانى ئالغا سىلجىتىلغان يېرىم يىل بولدى. دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تاشقىننىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى بىلەن قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلاش تىپىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى گېنېراتورلار كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، قۇملۇق، چۆللۈك، باياۋان رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بازىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى... ئالدىنقى يېرىم يىلدا پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش بىرقەدەر تېز ئاشتى، سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يادرو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق چىقىرىلغان توك 1 تىرىليون 235 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ بىخەتەر بولدى.

  بۇ، كاپالەت سالمىقى زورايتىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان يېرىم يىل بولدى. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى «ئىلتىماس قىلغان ھامان بەھرىمەن بولۇش» يولغا قويۇلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش بويىچە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى» باشلاندى، مال باھاسىنى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، تەخمىنەن 200 مىليون كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى... خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سۈپەت قوشۇلدى، ھارارەت قوشۇلدى.

  ئاساسىي تەرىپى ئۇزاققىچە ياخشىلاندى

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشەنچى بار

  6 - ئايدا، مەملىكەت بويىچە كىنو بېلەت كىرىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.7 ھەسسە ئاشتى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %29.7 ۋە %34.4 ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئاشتى؛ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى جەمئىي 34 مىليون 330 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 600 مىڭ توننا ئاشتى... بۇ 7 - ئايدا، خۇش خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت كۈچلۈك شامالدا يەلكەن چىقاردى.

  بۈگۈنكى دۇنيادا، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە، جاراڭلىق بولدى: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بولۇش، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك بولۇش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇق».

  ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ كۈچەيدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كۈچلۈك ئېلاستىكلىق نامايان بولدى. ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 110 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 5G تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى، توردا پارچە سېتىش بازىرىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد دېڭىزىدىكى غايەت زور پاراخوت دەپ ئاتىلىپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ياخشى ئىگىلەپ، مەزمۇت قاتنىماقتا. بولۇپمۇ يەرشارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان سانائەت سىستېمىسى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد تەگلىكىنى تېخىمۇ مۇقىم، كەسىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختا، مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىنىش رىتىمىنى تېخىمۇ تېز قىلدى.

  ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كەڭ بوشلۇققا ئىگە. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان ۋە ماھارەتكە ئىگە 170 مىليوندىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلار بايلىقى، %64.72لىك دائىملىق نوپۇس شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى، مۇشۇنداق كۆلەمدىكى بازار سىغىمى، مۇشۇنداق تولۇق ئىختىساسلىقلار پايدىسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 42 مىليارد 70 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان گۇلېي ئېتىلېن تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، باۋما گۇرۇھىنىڭ شېنياڭدىكى ئۈچىنچى پۈتۈن ئاپتوموبىل زاۋۇتى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى ... ئالدىنقى بەش ئايدا دۆلىتىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغىنى دوللارغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئاشتى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى ماركوس ترويو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو يەنىلا يەرشارى بويىچە ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان چەت ئەل مەبلەغ سېلىشنى نىشانلىغان جايلارنىڭ بىرى.

  يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ئۇرغۇتۇلدى. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىز كەشپىيات پاتېنتىنىڭ ئۈنۈملۈك مىقدارى 3 مىليون 906 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئاشتى؛ دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە كارخانا 325 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئاشتى. يۇقىرى يېڭى تېخنىكا «باشلامچى»لىرى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لار ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى تۇتۇپ، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، تىرىشىپ تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلىدى.

  تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ھازىرلاندى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى يەنىمۇ ئۆستى. مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، رايونلار ئارا تەڭشەش - تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش - تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەش كۈچەيتىلدى، قوش قىيىنچىلىق، كۆپ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن چىقىش قىلىنىپ، سىياسەت زاپىسى جابدۇق ساندۇقى دائىملاشتۇرۇلۇپ تولۇقلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا، دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ، مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچى بار بولدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى يۈەن دا مۇنداق بىلدۈردى: ئىچكى - تاشقى قىسىمدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك، تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان ئامىللارنىڭ زەربىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇقىم قايتا ئېشىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىشكە تامامەن ئىشەنچىمىز بار، كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئىقتىدارىمىز بار.

  «چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ دېڭىزغا قاراپ ئاققاندا، ھامان تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن ھەرقانداق تەتۈر ئېقىم چوڭ دەريانىڭ شەرققە قاراپ ئېقىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ياردەم بېرىدۇ، قارشىلىق كۈچى ئۇنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» جىلغا ئېغىزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، شىددەتلىك ئېقىن بىلەن جەڭ قىلىش، ھەيۋەت بىلەن مەردانە ئالغا ئىلگىرىلەش. ئالدى تەرەپ تېخىمۇ بىپايان سۇ رايونى؛ ئالدى تەرەپ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك مۇساپە!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت