شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش | ئۇنىڭ كەنتكە كەلگىنىگە 17 يىل بولدى: كۆپچىلىك ھەممىمىز ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى


  7-ئاينىڭ 6-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى تارلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى فۇچياڭ (ئوڭدا) قوشنىسى ئەخمەت قاسىم بىلەن كېۋەز پەرۋىش قىلىش تەجرىبەلىرىنى ئالماشتۇرماقتا.

جياڭ ۋېيليەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

  «ئەخمەت، كېۋەزلەرنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈۋېتىڭ، بەك ئۆسۈپ كەتسە بولمايدۇ، قاراڭ، مۇنداق ئۈزۈڭ، ئۆسۈپ چىققان شاخلارنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك.» 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، كەچلىك تاماقتىن كېيىن لاۋ لى قوشنىسى ئەخمەت قاسىمنىڭ كېۋەزلىكىگە بېرىپ، ئەخمەت بىلەن پاراڭلاشتى.

  بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن لاۋ لىنىڭ ئىسمى لى فۇچياڭ بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى تارلاق كەنتى ئاھالىسى. ئۇ كەنتتىكى «ھەممىنى بىلىدىغان كىشى»، ئۇنىڭ كەنتتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلاردىن بىلمەيدىغىنى يوق دېيەرلىك.

  2005-يىلى، لاۋ لى باشقا جايدىن تارلاق كەنتىگە كېلىپ كېۋەز تېرىدى. ئەينى چاغدا، ئۇ دائىم دېگۈدەك بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاغزىدىن كېۋەز تېرىشنىڭ ئۇنچە ئىستىقبالى يوق، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالاتتى. بەزىلەر: «ئىلگىرى كېۋەز تېرىشقا كەلگەن بىرنەچچەيلەن بىر يىلدىن كېيىنلا كېتىپ قالدى، پاختىدىن ھوسۇل ئالالمىدى، پۇلمۇ تاپالمىدى، بۇ ئادەممۇ ئۇزاق ۋاقىت تېرىيالماسلىقى مۇمكىن!» دېيىشتى. لاۋ لى بۇنداق گەپلەرگە پەرۋا قىلمىدى، چۈنكى ئۇ توغرا دەپ قارىغان ئىشىدىن ۋاز كەچمەيتتى، ئۇ كېۋەز تېرىشتا چىڭ تۇردى. شۇ يىلىلا، پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىدى.

  لاۋ لى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ قوشنىسى ئەخمەت باش بارمىقىنى چىقاردى. «لى ئاكام ئۆزۈمنىڭ ئاكىسى، ئۇ مېنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمگە ياردەم قىلدى» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئەخمەت ئائىلىسىنىڭ 20 مو يېرى بار، ئۇ كېۋەز تېرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى بىلمىگەچكە، كېۋەز تېرىشتىن پۇل تاپالمىغانىدى. «لى ئاكام بىلەن قوشنا بولغاندىن كېيىن، كېۋەز تېرىپ كىرىم قىلدىم.» ئەخمەتنىڭ دېيىشىچە، ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، لاۋ لى كېۋەزلىككە كېلىپ، ئۇنىڭغا يوپۇق يېپىش، ئۇرۇق سېلىشنى ئۆگىتىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق كېۋەز تېرىش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن. ئەينى يىلى، ئۇنىڭ پاختىسىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرامدىن 300 نەچچە كىلوگىرامغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىغان.

  تارلاق كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئاساسەن كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنى بىلىپ كەتمەيتتى، ئەخمەتنىڭ لاۋ لىغا ئەگىشىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى لاۋ لىغا ئەگىشىشنى ئويلىدى. كەنت ئاھالىلىرى لاۋ لىنى ئىزدەپلا كەلسە، ئۇ ئۆزىنى قاچۇرماي، كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبەسىنى قىلچە يوشۇرماي كۆپچىلىككە ئۆگەتتى.

  لاۋ لىنىڭ گېپى چىقسىلا، كەنت ئاھالىسى ياقۇپ قەمەر قەلبىدىكى مىننەتدارلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. 2007-يىلى ياز پەسلىدىكى كەلكۈن مەزگىلىدە، كەنتكە كەلكۈن كەلدى. «بۇ ياشقا كىرگۈچە بۇنداق چوڭ كەلكۈننى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، يېڭى سېتىۋالغان قېزىش ماشىنامنى كەلكۈن دەريا توسمىسىغا ئېقىتىپ كەتتى، سۇنىڭ ناھايىتى جىددىي ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھېچقايسىسى دەريا توسمىسىغا چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.» ياقۇپنىڭ دېيىشىچە، جىددىي پەيتتە، بىر كەنت ئاھالىسى لاۋ لىنى تېپىپ كەپتۇ، لاۋ لى ئىككىلەنمەيلا تېزدىن ئۆزىنىڭ قېزىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ دەريا توسمىسىغا بېرىپ، مىڭ تەسلىكتە، ياقۇپنىڭ دەريا توسمىسىغا پېتىپ قالغان قېزىش ماشىنىسىنى سۆرەپ چىقىپتۇ.

  2009-يىلى، كەنت ئاھالىسى مەمەت ياسىننىڭ ئوغلى توي قىلماقچى بولدى، تويغا 5000 يۈەن قىز مېلى كېتەتتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان مەمەت دەماللىققا بۇنچە كۆپ پۇلنى چىقىرالمىدى. لاۋ لى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يېنىدىن 5000 يۈەن چىقىرىپ: «بالىنىڭ تويىنى قىلىش مۇھىم، ئاۋۋال ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، پۇلنى ئالدىرىماي قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، لاۋ لىنىڭ تېخىمۇ نامى چىقتى. تارلاق كەنتىدە تۇرغان 17 يىلدا، ئۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلدى.

  لاۋ لى تۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىلەر 1-گۇرۇپپىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى 8-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىككى كىلومېتىر كېلەتتى، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارىدىغان يولى يېزىنىڭ غول يولى بولۇپ، ئاپتوموبىل كۆپ بولغاچقا، قاتناش بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، لاۋ لى بوش ۋاقتى بولسىلا، ئاپتوموبىلىدا ئۆز تەۋەسىدىكى ئۆيى مەكتەپكە يىراق بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلدى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى بۇ «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى»گە قوشۇلدى.

  لاۋ لى ھەمىشە بۇ ئىشلارنى كىچىك ئىش، دەپ قارايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز قوشنا، يۇرتداش، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، بىر ئائىلە كىشىلىرى، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشلار».

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت