شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«غايە - ئېتىقاد ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز»
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گو جىڭدەن، ۋۇ جېندۇڭ

2020 - يىلى 6 - ئايدا، فۇدەن داشۆ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىدىكى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىي مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پىدائىي چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش جەريانى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ ئايدا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى غايە - ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خەت يېزىشقا قاتناشقان ئەترەت ئەزاسى جى مىڭسېننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ خەت يازغان چاغدىكى تەپسىلاتلار ۋە باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى ھەرىكىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدى −

2018 - يىلى 5 - ئاي، ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى ھارپىسىدا، مەكتەپ پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى چېن ۋاڭداۋ ئەپەندىنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىپ ئوڭشاپ، «ئېتىقادنىڭ مەنبەسى»نى باش تېما قىلىپ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياش ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان «ئۇچقۇن» پارتىيە ئەزالىرى پىدائىي مۇلازىمەت ئەترىتىنى قۇردى، مەن شەرەپ بىلەن بۇ مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇم.

2020 - يىلى چېن ۋاڭداۋ تەرجىمە قىلغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بۇ ئالاھىدە يىلدا، بىزنىڭ ھەر قېتىملىق چۈشەندۈرۈشىمىز خۇددى پارتىيەنى قۇرغان باشلامچىلار بىلەن بولغان زامان - ماكان ھالقىغان بىر قېتىملىق سۆھبەتكە ئوخشايدۇ، بىز بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ تەمىنىڭ تاتلىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 99 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قەلبىمىزدە بىر خىل چوغدەك قىزغىن ھېسسىيات ئۇرغۇدى.

2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، «ھەقىقەتنىڭ تەمى» دېگەن ھېكايىنى جانلىق سۆزلەپ بەردى − «بىر كۈنى، بىر يىگىت ئۆيىدە ئىجتىھات بىلەن كىتاب يېزىۋاتقاندا، ئانىسى سىرتتا تۇرۇپ: <زۇڭزا يېگەندە قارا شېكەر قىيامى قوشىسەن، يېدىڭمۇ؟> دەپ توۋلاپتۇ. ئۇ: <يېدىم، يېدىم، بەكمۇ تاتلىق ئىكەن> دەپتۇ. نەتىجىدە، موماي ئىشىكتىن كىرىپ قارىسا بۇ يىگىت بېشىنى كۆتۈرمەي كىتاب يېزىۋاتقان بولۇپ، ئاغزى پۈتۈنلەي قارا سىياھ بولۇپ كەتكەن ئىكەن.» كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، باش شۇجى: «بۇ كىشى كىم؟ بۇ دەل چېن ۋاڭداۋ بولۇپ، مۇشۇ كىتابنى يازغان» دېدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى چېن ۋاڭداۋنىڭ <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى>نى تەرجىمە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى، بىز باش شۇجىغا بىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىزنى دوكلات قىلماقچى بولدۇق.» بۇلارنى ئويلاپ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ھاياجانلاندى.

بىز خەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭغا «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىنىڭ پىدائىيلار چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتىگە قاتناشقانلىق كەچۈرمىشىمىز ۋە تەسىراتىمىزنى دوكلات قىلدۇق. بىز مۇنداق يازدۇق: پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە «ئۇچقۇن» دەپ ئىسىم قويۇشتىكى مەقسەت «جەم بولسا ئوت، چېچىلسا ئۇچقۇن» بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز ھەربىر ئەترەت ئەزاسى «چوغ» بولۇپ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دە كۆرسىتىلگەن «ھەقىقەت نۇرى» «ئېتىقاد مەنبەسى»نى تارقىتىشقا ئىرادە تىكلىدۇق.

«باش شۇجى جاۋاب خەت قايتۇرۇپتۇ!» − مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. پەقەت مەكتەپ رەھبەرلىرى بىزگە جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇپ بەرگەندە، ھەمراھلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىنىڭ نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىلا ئېسىمدە.

«سىلەرنىڭ پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى يولداش چېن ۋاڭداۋنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش ھېكايىسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تارقىتىشىڭلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. سىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىللىق سۆزلىرى بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بېرىلگەن ئىلھام.

«تېخىمۇ ياخشى قىلىپ»، غايە - ئېتىقاد ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، پەقەت ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنىڭ ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىشكە ئىگە قىلدى. بىز بۇ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈندىلىك نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەتىلدە مەركەزلىك تەربىيەلىنىش، گۇرۇپپىلار ھەمراھ بولۇپ بىللە تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «تۆت تارىخ»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، غايە - ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق.

ئۆگەنگەن نەرسىلەر كۆپ، چوڭقۇر بولسا، چۈشەندۈرۈش تەبىئىيلا چۈشىنىشلىك، جانلىق بولىدۇ. بىر ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى بىزنى: «دائىم سۆزلەپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرىسىلەر» «ھەر قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولىمەن» دەپ تەرىپلىدى. بۇنداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، مەن تىرىشچانلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئەترەتداشلىرىم كۆپ قېتىم كۆرگەزمە سارىيىدىن چىقىپ، كارخانا، ئورگان، مەھەللىلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەپ، تارىخ تەربىيەسى، نەزەرىيە جەھەتتىن بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، قىممەت يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى پائال زىممىسىگە ئالدى. ھازىر، بىز ئوندىن ئارتۇق ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە «ئالتۇن دەرسى» تەسىس قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئېتىقاد ئۇچقۇنىنى ياندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

شەرەپلىك «ئۇچقۇن» ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كەلگۈسىدە قەيەرگە بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت