شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«باش شۇجى بىز تېخنىك ئىشچىلارغا ئالاھىدە كۆيۈنىدۇ»
يوللانغان ۋاقىت :2022-07-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

«باش شۇجى بىز تېخنىك ئىشچىلارغا ئالاھىدە كۆيۈنىدۇ»

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سەي يۇڭجۈن، گو شياڭ، جاڭ بوچۈن

2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو 1 - ئېغىر سانائەت گۇرۇھى داليەن ھىدروگېن قوشۇش رېئاكتورى ياساش چەكلىك شىركىتى (ھازىر نامى «1 - ئېغىر سانائەت گۇرۇھى داليەن يادرو ئېلېكتىر نېفىت خىمىيە چەكلىك شىركىتى»گە ئۆزگەرتىلدى)گە كېلىپ، تېخنىك خادىملار ۋە ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كەپشەرلەش ئىشچىسى يىن سۈنجۇ شۇ چاغدا نەق مەيداندا ئىدى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يىن سۈنجۇنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىللىق ھېكايە ۋە كۈرەش قىلىش تەسىراتىنى ئاڭلىدى −

ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ، باش شۇجىنىڭ سۆزىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان مەنزىرە كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

شۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىركىتىمىزگە كەلگەندە كەچقۇرۇن بولغانىدى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قۇيۇپ چىققان بېسىملىق قاچىلىرىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تېخنىك خادىملار ۋە ئىشچىلار كارخانىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى، قوشۇننىڭ مۇقىملىقىنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. كارخانا ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىمۇ مۇناسىپ ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك.

باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم ناھايىتى ئىللىقلىققا تولدى. مەن باش شۇجىنىڭ بىز تېخنىك ئىشچىلارغا ئالاھىدە كۆيۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

شۇنىڭدىن باشلاپ، ياخشى كەپشەرلەش ئىشچىسى بولۇش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىشنى ھەر قېتىملىق كەپشەرلەشتىن باشلاپ، ماھارەت سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تىرىشتىم. بىر قېتىم، مەن بىر يېڭى مەھسۇلاتقا يولۇقتۇم، ئۇنى نىكېل ئاساسىدا ھىملەپ كەپشەرلەشكە توغرا كېلەتتى، بۇ، مەن ئىلگىرى مەشغۇلات قىلغان تۆۋەن قېتىشمىلىق پولاتنى كەپشەرلەشكە ئوخشىمايتتى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ تۆپە قاپقىقى بىرىكمە دېتالى قازانغا ئوخشاش شارسىمان ياي شەكلىدە بولۇپ، قولدا 90غا يېقىن تۇرۇبىنى كەپشەرلەشكە توغرا كېلەتتى، ھەربىر تۇرۇبىنىڭ بۇلۇڭى ئوخشىمايتتى. بىر تال تۇرۇبا ياخشى كەپشەرلەنمىسە، پۈتۈن بىرىكمە دېتال كاردىن چىقىشى مۇمكىن ئىدى.

تۇنجى قېتىم بۇ ئىشنى قىلغاندا، 50 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى كەپشەرلەنگەن جايلار تېخى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. بەزى ئىشچىلار مەھسۇلات لاياقەتلىك بولسىلا بولدى، دېدى، لېكىن مەن بولمايدۇ، دېدىم. ئىشداشلار بىلەن قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تاكى مۇكەممەل مەھسۇلات كەپشەرلەپ چىققانغا قەدەر ھۈنەر - سەنئەتنى ياخشىلىدۇق.

كەپشەرلىگەندە چاچراپ چىققان كەپشەر ئۇچقۇنلىرى بەزىدە پەلەيگە چۈشۈپ كېتىپ، قول كۆيۈپ بەك ئاغرىپ كېتەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، قول مىدىرلاپ كەتسە بولمايتتى. بەدەندە شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن تاتۇق قالاتتى. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا چېكىنىشنىمۇ ئويلىدۇق، ئەمما باش شۇجىنىڭ بىز تېخنىك ئىشچىلارغا بەرگەن ئىللىق مېھىرگە تولغان ئىلھامى، ئالاھىدە كۆيۈنۈشىنى ئويلىساقلا، قەلبىمىز كۈچكە تولىدۇ.

بىرقانچە يىلدىن بۇيان، مەن ئالاھىدە كەپشەرلەش ھۈنەر - سەنئىتى تەجرىبىسىنى توپلىدىم، مەلۇم مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرى زەربىدارلار ئەترىتى قولدا كەپشەرلەش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، يەنە «مەملىكەتلىك ياش ئىش ئورنى ماھىرى»، «جۇڭگو 1 - ئېغىر سانائەت گۇرۇھى باش ماھارەت ئۇستىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتىم.

مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، شىركەت تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىغا مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتتى، مېنىڭ مائاشىم بۇرۇنقىدىن بىر قاتلاندى. شىركەت يەنە تېخنىك ئىشچىلارغا تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلىپ بەردى، ئاشخانىنىڭ تاماق ياردەم پۇلىنى ئۆستۈردى. بىزنىڭ بەخت تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچەيدى.

مەن كەپشەرلەش ئىشچىسى بولغىلى 15 يىل بولدى، مۇشۇ يىللاردا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تېخنىك ئىشچىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم. باش شۇجى تېخنىك ئىشچىلارنى تېخنىكا، ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا كۆپ قېتىم ئىلھاملاندۇردى. بۇ، ھەر ۋاقىت مېنى رىغبەتلەندۈرۇپ تۇرىدۇ، مەن ئىككى قولۇمغا تايىنىپ قالتىس نەتىجىلەرنى كەپشەرلەپ چىقىمەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، داليەن، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت