شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-27 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ

پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي دافېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سەي دافېڭ شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن پەن ـ تېخنىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سەي دافېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، تاراتقۇلار قاتارلىقلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۆپ خىل شەكىلدە، تولۇق قاپلانغان ھالەتتە، دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى مەركەزلىك ئالغا سىلجىتىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى بەرپا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورۇنلىرى، كارخانىلار، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىنى سىياسەت مەدىتى ۋە سېلىنما كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەسىپلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا سېلىنمىنى زورايتىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى چىقىش قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. نىشان ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇن ـ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ھەمراھ بولۇپ شىخەنزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن ئالاقىدار دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن يىن فاڭلۇڭ، شۈ داجې، گۇ شياۋيۈ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن يۈسۈپجان مەمەت قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت