شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئامېرىكا تەرەپنىڭ غەرىزى − شىنجاڭدا ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇر بولۇشنى پەيدا قىلىش
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-27 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

ئامېرىكا تەرەپنىڭ غەرىزى − شىنجاڭدا ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇر بولۇشنى پەيدا قىلىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ باشتىن ـ ئاخىر ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى بىرىنچى ئورۇندىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ، ئېلىجان ئانايەت ۋە سەككىز مۇتەخەسسىس، ئالىم، ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانا مەسئۇلى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى»نى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىن شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى.

نۆۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50 ـ نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، كۇبا 70كە يېقىن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ مىزانى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، 20 نەچچە دۆلەت ئايرىم سۆز قىلىپ جۇڭگونى قوللىدى.

«شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.» شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۆمەرجان نامەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى نامايان قىلدى، بۇ يەنە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان سەمىمىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈردى.

«ئاپتونوم رايون بويىچە 32 مىڭ 500 ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى بار بولۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن جۇڭكۇەن بۇلتۇر بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 12 يىل بولغان بىر ئۇيغۇر ئايال خىزمەتچى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى»دەپ بىلجىرلىغىنىدىن كىمنىڭ مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلمىدىم، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ مېنى ئەمگەك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، ئەمگەك ئارقىلىق كىرىمگە ئېرىشىش، بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ!

قەشقەردە تۇغۇلغان شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پىسخىلوگىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى مەخپىرەت كەنجى كىچىك چېغىدا قەشقەردىن چىقىپ، تەلپۈنىدىغان بېيجىڭغا بېرىپ ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى، مەخپىرەت مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مائارىپ جەھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى مېنىڭ ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى».

6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئامېرىكا «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى يولغا قويدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شۈ گۇيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگوغا قارىتا توسۇش ۋە بېسىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىدۇر. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالاقىدار قىلمىشلىرى جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسى ۋە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قائىدە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زومىگەرلىك ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز! ئامېرىكا بۇ رەزىل قانۇندىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى بىردەك ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ مەھسۇلاتى دەپ قىياسەن بېكىتىپ، ھە دېسىلا تۇتۇپ قالدى ياكى مۇسادىرە قىلدى، بۇ، ئوچۇقتىن ئوچۇق بۇلاڭچىلىق قىلمىشى، قىلچە تەپ تارتماس قاراقچىلىق لوگىكىسى، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش زومىگەرلىك قىلمىشى، تۇمان قاپلىغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ھەقىقىي غەرىزى − ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇر بولۇشنى پەيدا قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش بولۇپ، كەينىگە دەسسەپ تەتۈر ئىش كۆرگەنلىكتۇر.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت