شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - قۇرۇلتىيى يېپىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە بىڭتۇەن 8 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - قۇرۇلتىيى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى يىفېي، شۆ بىن، ليۇ جيەنمىڭ، لى جېنگو، مۇتەللىپ مەتتوختى، ليۇ شىنجيەن، جياۋ شياۋپىڭ، جاڭ ۋېنشېڭ، جياڭ شىنجۈن، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، لى شۈ، جۇ شۆبىڭ، ياڭ شيۇلى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

باش بېلەت نازارەتچىسى، مۇئاۋىن باش بېلەت نازارەتچىلىرى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىگە ئاساسەن، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلىدە 65 ئەزا، 14 كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى، 35 ئەزادىن تەركىب تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى.

قۇرۇلتايدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى.

لى يىفېي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن 8 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغان، بىڭتۇەننىڭ يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېڭى باسقۇچىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ، تېخىمۇ جۇشقۇن كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە غەلىبىلىك يېپىلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت