شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى شىمېن سۇ ئامبىرىدا سۇ ساقلاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسىگە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش پىكىر يولى ۋە سۇ تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىش، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى شىمېن سۇ ئامبىرى، ماناس ناھىيەسىدىكى كېڭسۋات سۇ ئامبىرىغا كېلىپ، سۇ ساقلاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. سۇ بايلىقىنى ئېچىش، تەقسىملەش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇلۇپ بولغان سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، سۇ يېتىپ بارغان رايونلارنىڭ يانداش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق كۈچەيتىپ، پەسىل خاراكتېرلىك، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۇ، تۇپراقنى ساقلاشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شىيۈچۇن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سۈتچىلىك كەسپى بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى، ماركا قۇرۇلۇشى، مەھسۇلات سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى قۇتۇبى ناھىيەسى نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ سۈت كالىسى بېقىش، كۆپەيتىش، داشۆ پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولۇپ، ئالقىشقا ئېرىشتى، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، شىنجاڭ سۈتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ماركا يارىتىش جەريانىدا، ھەم يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەربىر قەدەمنى پۇختا، تەمكىنلىك بىلەن بېسىپ، يەم - خەشەك، باقمىچىلىق، پىششىقلاش، سېتىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى قىلچە بىخەستەلىك قىلماي ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان، خاتىرجەم بولىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، كەڭ دائىرىدە تونۇلغان سۈتچىلىك ماركىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ما شىڭرۇي يەنە سانجى بەيلى دەنشيا مەنزىرە يولى ساياھەت لىنىيەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ تەرەققىياتى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەرخىل لىنىيە بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپ قىلىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى؛ جۇڭگو كۆمۈر ئېنېرگىيەسى تىيانشان شىركىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىختىيارىي تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئۆزى تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن يۈكسەكلىكنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلنى پۇختىلاش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلارنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشان، خىزمەت ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەنبە::

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت