شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارماقلىرىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەلىپىنى چىڭىتىپ، «بەلگىلىمە»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. «بەلگىلىمە»دە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشىنى باشقۇرۇشقا قارىتا تەتبىقلىنىش ئوبيېكتى ۋە ئەھۋالى، خىزمەت تەدبىرى، ئىنتىزام تەلىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە چەكلەش، مەنبەدىن باشلاپ پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بەلگىلىمە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشىنى باشقۇرۇشتىكى تەتبىقلىنىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى نازىر دەرىجىلىك ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك ۋەزىپە قاتلىمىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت؛ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش ئەھۋالى ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرۇش، پۇقراۋى كارخانا ياكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قاتارلىقلاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىش، خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى، فوندقا مەبلەغ سېلىش ھەم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەقلىق جەمئىيەت ۋاسىتىچىسى ۋە قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق قىلمىشلاردىن ئىبارەت. «بەلگىلىمە»دە ئوخشاش بولمىغان قاتلام، دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى، كارخانا قۇرۇشىغا قارىتا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە قاتلىمى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى تەلەپ شۇنچە چىڭىتىلىدۇ، ئۇنىۋېرسال تارماقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ باشقا تارماقلارغا قويۇلغان تەلەپتىن قاتتىق بولىدۇ.

«بەلگىلىمە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: رەھبىرىي كادىرلار ھەر يىلى شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى مەلۇم قىلغاندا، جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش ئەھۋالىنى ئەينەن تولدۇرۇپ مەلۇم قىلىشى، يىللىق مەركەزلىك مەلۇم قىلىشتىن كېيىن يېڭىدىن كۆرۈلگەن سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مەلۇم قىلغان ئەھۋالنى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ۋە نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشقا دائىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار بايقالسا، رەھبىرىي كادىرلار چۈشەنچە بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرى سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىدۇ ياكى رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، ۋەزىپىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم ئەھۋالغا قاراپ رەھبىرىي كادىرلار مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارغا جازا بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆستۈرۈلمەكچى بولغان ياكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشلىتىلىدىغان رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىكى «ئۆستۈرۈلسىلا تۆت جەزمەن بولۇش»قا بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، تەيىنلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەر، سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك، چېكىنىپ چىقىشقا قوشۇلمىغانلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

«بەلگىلىمە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلماسلىق، جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇش ۋە ھاۋالىلىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، ئىسمىنى ئاشكارىلىماي مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يالغاندىن چېكىنىپ چىقىشى ھەمدە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانا قۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، باشقۇرۇش كۈچلۈك بولماي ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ناچار تەسىر پەيدا قىلغان مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت