شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-20 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئاپتونوم رايوندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزاتلىرى بېلەت تاشلاپ بېكىتىلدى

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى ۋە پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى ۋە پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئومۇمىي يىغىندا تولۇق مۇزاكىرە قىلىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزاتلىرى بېكىتىلدى. ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا، 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈش قارار قىلىندى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 75 ئەزاسى، 15 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت