شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-20 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇردى

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «داگۇڭباۋ گېزىتى» نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، 2 - ، 3 - پەسىللىك مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلاش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ياردەم قىلىش - يۆلەش بايلىقى ۋە كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى زورايتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ تۇتۇپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى ۋە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش بىلەن سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش ئاساسىدا تۈزىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاپەت ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى چارلاپ تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، ھاۋارايى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل زورايتىپ، جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاپ، تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت