شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئەڭ گۈزەل مايتاغ-كۇچا تاشيولى بىر مەنزىرە يولىلا ئەمەس
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

  مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى. لەي يۈنىڭ فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

  6-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2022-يىللىق مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش پائالىيىتى نىلقا ناھىيەسىنىڭ چورما تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئۆتكۈزۈلدى. تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى ئېگىز تاغلار، تىك چوققىلار، چوڭقۇر جىلغىلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ يول يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ھەممە كىشىنىڭ «تىيانشان تېغىنىڭ مەنزىرە يولىغا نەزەر سېلىش»نىڭ زادى قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باققۇسى كەلدى.

  ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن «ساراي دەرىجىلىك» دەپ ئاتالغان بۇ تاشيول نېمىگە تايىنىپ نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى؟ يول يۈرۈش شارائىتى قانداقراق؟ كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

  قويۇق گۈزەل مەنزىرە ۋە مەدەنىيەت

  «ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش چەمبىرىكىدە، ھەيدەشنى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنىڭ دەرىجىسى بولىدۇ، بۇ يولنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە قويۇشقا بولىدۇ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ئۆز ئاپتوموبىل ھەيدەپ مېڭىپ باقمىغانلار ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھىرى ھېسابلانمايدۇ.» لى كې گۇاڭدۇڭلۇق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارى بولۇپ، سىچۇەن-شىزاڭ لىنىيەسى، G219 يۈننەن-شىزاڭ بۆلىكىدە مېڭىپ باققان، 2022-يىلى ئۇنىڭ دىققىتى مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا مەركەزلەشتى، «مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يولدا مېڭىش نوقۇل ساياھەت قىلىشلا ئەمەس، تېخىمۇ زور خۇشاللىقىم، ئېگىز تاغ، جىلغىلار ئارىسىدا مېڭىپ، داۋانلاردىن ھالقىپ، ھەيدەش تېخنىكامنى سىناش.»

  مايتاغ-كۇچا تاشيولى قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىن تىيانشاننى كېسىپ ئۆتۈپ كۇچا شەھىرىگە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 560 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان تىيانشان شىنجاڭنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 250 كىلومېتىردىن 350 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. كەڭ ۋە ئېگىز تاغلار كۆپ خىل يەر شەكلىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كۆركەم، گۈزەل مەنزىرىلەر شەكىللەنگەن. مايتاغ رايونىدىن يولغا چىققاندا، يول بويى گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغىلار، پەلەككە تاقاشقان تىيانشان شەمشادى، مەنزىرىسى گۈزەل يايلاق، سىرلىق ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يارداڭنى كۆرگىلى بولىدۇ. يول بويى مايتاغ چوڭ جىلغىسى، يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى ــــ تاڭبۇلا، بوشلۇق يايلىقى ـــــ نارات يايلىقى، توققۇز توقاي 18 ئەگمە ــــ بايىنبۇلاق، تىيانشان مەرۋايىتى ــــ چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلى، كۇچا چوڭ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۆتىدۇ. بۇ بىر يول ساياھەتچىلەرنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئېسىل مەنزىرىلەرنى قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

  مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى 1974 ـ يىلى ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، توققۇز يىلدا پۈتتى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى ئەسلىدىكى 1000 كىلومېتىردىن يېرىمدىن ئارتۇق قىسقاردى. مەنزىرىدىن باشقا بۇ يولدا يەنە خەتەرلىك تىك قىيامۇ بار بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق يول ياساش ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرى پىژغىرىم ئىسسىق ۋە قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، بېلىگە ئارغامچا باغلاپ تىك قىياغا ئېسىلىپ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى. 168 نەپەر ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى قار كۆچۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇربان بولۇپ، چولما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى. يول ياتقان ئابىدە، ئابىدە ئۆرە تۇرغان يول.

  «بۇ يول جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاددىي يول ئەمەس. بىرىنچى، بۇ يول كۆپ خىل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان، بۇ يولنى شىنجاڭ مەنزىرىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ؛ ئىككىنچى، بۇ يولغا جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان يول ياساش روھى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت مۇجەسەملەنگەن ، مەسىلەن، نېفىت مەدەنىيىتى، يايلاق مەدەنىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار، مەدەنىيەت بىلەن مەنزىرە بىرلىشىپ كەتكەن؛ ئۈچىنچى، بۇ يەردە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنىڭ ئەركىن-ئازادە تۇيغۇسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل شەكىلدىكى ھېس قىلىش، كىشىلەرنى بۇ يەرگە جەلپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ساياھەتچىلەر سەككىز كۈندىلا، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى ۋە تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ.» ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل ئۈستىدە ئىزدىنىش-بايقاش مەدەنىيەت-تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شۇەي مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئارقىسىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بازىرىغا كۆز تىكىپ، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن 100 ئاپتوموبىلنى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە تەشكىللىمەكچى بولدى.

  «ئادەم جەلپ قىلىش»تىن «مەبلەغ جەلپ قىلىش»قىچە

   قاتناش ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، شيېچېڭ تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ توردىن ئىزدىلىش قىزغىنلىق دەرىجىسى %200كە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى قاچان قاتناش باشلىنىدۇ، قانداق ئويناش ئۇسۇلى بار، يول بويىدا قانداق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار دېگەندەك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن. مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن 500 مىڭ ئاپتوموبىل، 2 مىليون ئادەم قېتىم مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا كىرىدىكەن.

  خېنەنلىك يىگىت لى ۋېيلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ يىل ۋېلىسىپىت مىنىپ بۇ يولنى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىشنى پىلانلىدى. 2018-يىلى ئۇ مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى ۋېلىسىپىت مىنىپ ئايلىنىپ چىققان ئىكەن، «ئەينى چاغدا يولدا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاپتوموبىللار كۆپ ئىدى، بەزىدە يەنە قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈزبېرەتتى. ئاڭلىسام شىنجاڭ بۇ يولنى بۇ ئىككى يىلدا ئىزچىل ياساپتۇ، يول ئەھۋالى ۋە ئەسلىھەلىرى ياخشىلىنىپتۇ، بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ماڭماقچى بولدۇق.»

  ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغاندىلا، توردا ئالقىشلانغان تاشيول تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. 2019-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تارماقلىرى G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغ-كۇچا بۆلىكىدىكى تاشيولنىڭ كەمتۈك، بۇزۇلغان جايلىرىنى تولۇقلاپ رېمونت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، 2020-يىلى قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يەنە مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى باشلاندى. مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى بويىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تۈرىنى چۆرىدەپ، كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى يول بويىدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن قېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، يولنى ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىتتىرگۈچكە ئايلاندۇردى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت ئۆرپ-ئادىتى، ساياھەت مەنزىلگاھى، تىيانشان ساياھەت كەسىپ بەلبېغى، يېزا ـ كەنت ساياھەت مەنزىلگاھىنى سىجىل بەرپا قىلدى، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى قاتارلىق مەنزىرە يوللىرى ئۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

  مايتاغ رايونى مايتاغ ـ كۇچا چوڭ لاگېرى ساياھەت يىغىش ـ تارقىتىش مەركىزىنى سىجىل بەرپا قىلدى، بۇ يىل مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى خەلقئارا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئاپتوموبىل لاگېرى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. «مايتاغ ـ كۇچا چوڭ لاگېرى تەدرىجىي ھالدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت رايونى ۋە ساياھەت يىغىش ـ تارقىتىش ئورنىغا تەسىر قىلىدىغان جايغا ئايلاندى.» مايتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شىڭ جيەن مۇنداق دېدى: «مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى يەنە جەمئىيەت كاپىتال سېلىنمىسى قۇرۇلۇشىنى جەلپ قىلدى، جەمئىي 20 نەچچە كارخانا تەخمىنەن 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 500 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىۋاسىتە ھەل قىلدى، ئۈچ يىلدىن بۇيان پۈتۈن رايوندىكى مېھمانخانىلارنىڭ كارىۋات سانى %65.71 ئاشتى.»

  «ھازىر بۇ لىنىيىدە 33 توختاش نۇقتىسى، ساياھەت نۇقتىسى بار، ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ياسىلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىلدى. بىز بۇ لىنىيەنى ئىشەنچ بىلەن تونۇشتۇرالايمىز.» دېدى ۋاڭ شۇەي.

  ئېسىل مەنزىرە يولى بەرپا قىلىش

  مايتاغ-كۇچا تاشيولى قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىبارەت بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاتناش ئۇل ئەسلىھە تورىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، ھەرقايسى جايلار لىنىيە بويىدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ھەم ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، قاتناش ـ ساياھەتنىڭ يۇغۇرما ئېسىل ئۈلگە كۆرسىتىش مەنزىرە يولىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

  «مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى مەنزىرە يولىنى بەرپا قىلىشتا رايون ھەمكارلىقى قاتلىمىدىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشكە توغرا كېلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، بازارنى ئورتاق ئېچىش، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.» دېدى شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى شۈ شياۋلياڭ.

  «شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، تاشيولدا قاتناش باشلاش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى لىنىيە بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئويلاشساق بولىدۇ.» ۋاڭ شۇەينىڭ قارىشىچە، لىنىيە بويىدىكى ئەسلىھەلەر يەنىلا بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، پەقەت ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن، ئۇ لىنىيە بويىدا بىر تۈركۈم ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى، ئاپتوماتىك قەھۋە ماشىنىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۇچۇر راۋان بولۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، سۇچىلىق بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، سانائەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ساغلاملىق بىلەن كۈتۈنۈش ساياھىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى قاتارلىق مەنزىرە يوللىرىدىكى «ئۈچ تەس بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، لىنىيە بويىدىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت