شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چۆچەك شەھىرىنىڭ چاشا بازىرى دامىلتام كەنتى، تولى ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى، تولى ناھىيەلىك زامانىۋى چارۋىچىلىق - باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، شىخو شەھىرى شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، دېھقان ئائىلىلىرى، كارخانا تىجارەتچىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، يېزا ئېلېكتىرون سودىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»نى چىڭ تۇتۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يازلىق ئاشلىقنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ۋە مۇلازىمەت سۇبيېكتلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار ئۇياق - بۇياققا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇشچىلار تەرگە چۆمۈپ كەتكەنىدى... شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ ھەرقايسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىسىگە چۆمگەنىدى. ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سىناق رايونى يىرىك پىلان كۆرگەزمە سارىيى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بازىسى، يېڭى ئېنېرگىيە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈر يىرىك پىلانى، ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: گوۋۇيۈەن شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلاپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىۋى نەزەر ۋە خەلقئارا نەزەر بىلەن يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەمدە يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، دۆلەت بەرگەن تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش، سودىگەرلەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پورت ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، چېگرا بويىدىكى رايوننىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش قۇتۇبىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2 - پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت