شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قانۇنچىللىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ مۇقىم ئىدارە قىلىشتۇر.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى كۈچەپ تەتبىقلاپ، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، قانۇنچىللىق ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەتنى ھەم ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرۇش، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«قانۇنچىللىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈلدى

بۇ يىل 4 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھەربىرىگە بىر پارچىدىن «كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش يېتەكچى قوللانمىسى» تارقىتىپ بېرىلدى.

بۇ «يانچۇق كىتابى»نى تۈزۈشتىكى مەقسەت كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە كەڭ ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشى، ئۆلچەملىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر كەنت(مەھەللە)تە بىر قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش تۈزۈمى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ئومۇمەن كەنت دەرىجىلىك مۇھىم، زور تەدبىر بەلگىلەشكە چېتىلىدىغان ئىشلاردا جەزمەن قانۇن مەسلىھەتچىسىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشىگە سۇنۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى، مەزمۇنىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«قانۇنچىللىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپ ۋە ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈلدى، كەڭ كادىرلار قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، قانۇنچىللىق روھى ئارقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە بارغانسېرى ماھىر بولۇپ، قانۇنچىللىق شەكلى، قانۇن تەرتىپى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلدى.

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جەمئىي 128 مەيدان قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئاچتى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» سۈپىتىدە، قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

غۇلجا شەھىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە ئەرزگە جاۋاب بېرىش دېلولىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان ھەمدە مەمۇرىي ئورگان مەسئۇللىرىنىڭ سوتقا چىقىپ ئەرزگە جاۋاب بېرىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان ئورۇنلارنى تاللاپ نەق مەيداندا قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى. غۇلجا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، سوتقا چىقىپ ئەرزگە جاۋاب بېرىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «قاراماي شەھىرىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش چارىسى» يولغا قويۇلدى. قاراماي شەھىرى مەمۇرىي نىزام چىقىرىش ئارقىلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىچكى نازارەتچىلىك ۋە جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش، مۇقەررەر يول. «قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىش» «قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق» قاتارلىق قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك بولدى.

قانۇنچىللىق كاپالىتى ئامانلىق ۋە ئىناقلىقنى قوغدىدى

بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېرىم كېچىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى خوتەن كوچىسى ساقچىخانىسى 1 - ماي خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى چارلاش جەريانىدا بىر بوۋاينىڭ كوچا بۇلۇڭىدا تۈگۈلۈپ ياتقانلىقىنى بايقىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ سالاھىيىتىنى ناھايىتى تېزلا مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى، پەرزەنتلىرى بوۋاينى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. بوۋاينىڭ قىزىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كۆپ قېتىم يوقاپ كەتكەن، لېكىن ھەر قېتىم خەلق ساقچىلىرى ۋاقتىدا تېپىپ بەرگەن.

رەقەملەشتۈرۈش تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ساقچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىشنى موتور قىلىپ، زامانىۋى ساقچى ئىشلىرى بىلەن شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئامانلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئىناقلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى %99.14كە يېتىپ، يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى؛ بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

سودىيە ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنى ئىجرانى رەت قىلىش جىنايىتىنى سوتتا قاراپ چىقىشنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا «ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى»، سوتتا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، سەككىز ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى نەق مەيداندا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى؛ تەپتىش بەش كۈندە ئىنتايىن تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئازغان ئۆسمۈرنى قۇتقۇزدى؛ ئىككى جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى تور ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ ئاغرىقنىڭ جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى... يېقىندا شىنجاڭدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەم ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىدا بارلىققا كەلگەن بۇ تەسىرلىك ھېكايىلەر قانۇنچىللىق بېغىشلىغان ئىللىقلىقنى قوغداشنى جانلىق بايان قىلماقتا.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئامانلىق قۇرۇلۇشى نىزامى» يولغا قويۇلدى. نىزامغا ئاساسەن، ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتى كۈچەش نۇقتىسى قىلىنىپ، ئىدىيە - پىكىر يولى، تۈزۈلمە - مېخانىزم، ئۇسۇل - ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئالغا سىلجىتىلدى.

شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش داۋامىدا، قانۇنچىللىق جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور نەتىجە ياراتتى ۋە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىدىكى كۈچ مەنبەسى.

قانۇنچىللىق روھى جەمئىيەت تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇششاق يېمەكلىك يايمىچىلىرىنىڭ قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلغان بىر قىسىم قىلمىشلىرىغا قارىتا، جازانى كەچۈرۈم قىلىش ئىش تۈرلىرىنى بېكىتىپ، كېچىلىك ئىقتىساد ۋە «يايما بازىرى»نىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا جازانى كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكىنى كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى خاتالىقىنى ئۆزى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە، تىجارەت پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنى سالمىقى بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا تولغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى 10 مىڭدىن ئارتۇق كەنت(مەھەللە)تە تور ۋە تور سىرتى ئارقىلىق «ياشانغانلارنىڭ ھەميېنىنى قوغداش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى، بۇ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنى قاپلاپ، 2 مىليون 790 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى قاتارلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدا ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاممىغا يېقىن جانلىق مىساللار ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنى قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى 1 - ئاۋغۇست ئەدلىيە پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئايگۈل ئابدۇللا ئۆيدىن سۇ ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجىرانى مۇرەسسە قىلدى، ئۇ قانۇن چۈشەندۈرۈپ، داۋلى چۈشەندۈرۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، قول ئېلىشىپ يارىشىپ قالدى.

«ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. گەرچە دەسلەپتە پىكىر ئىختىلاپى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن باشتىن - ئاخىر سوغۇققان بولدى، كەيپىيات جەھەتتىمۇ خېلى ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. مەن ئورۇنلۇق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇلار قايتا - قايتا ئويلىنىپ، مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى» دېدى ئايگۈل.

جەمئىيەت تۇرمۇشىدا، كادىرلار قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى تەتبىقلاپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىش، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىش، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىش ئىدىيەسى كۈنسېرى كۈچەيدى.

2017 - يىلى، شىنجاڭ تىنچ - ئامان E ئائىلە ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئېچىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلىپى، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرىنى ئىنكاس قىلىش، پاش قىلىش يولى راۋانلاشتۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي نام بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان ئابۇنىچى 1 مىليون 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، ئاممىنىڭ جەمئىي 1 مىليون 790 مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىماس - تەلىپى ھەل قىلىنىپ، بېجىرىپ ئاياغلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %99.79 بولۇپ، ئاممىنىڭ بارماق ئۇچىدا ھەرىكەتلىنىدىغان ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاراۋۇلىغا ئايلىنىپ، ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان ياخشى يول بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ئىزدىنىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت