شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«بىز ئىلمىي ماقالىنى ئېتىز ـ دالىلارغا، زېمىنغا يېزىشتا چىڭ تۇرىمىز»
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-09 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\ ۋۇ جيەنفېڭ، جوۋ يى

2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇيىشەن شەھىرى شىڭسۈن بازىرىدىكى يەنزىكې ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقىغا كېلىپ، ئەتىيازلىق چاينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ چايچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چايزارلىقتا پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىلى، فۇجيەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لياۋ خۇڭ باش شۇجىغا ئۆز كوللېكتىپى كېڭەيتكەن «يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق قۇرۇلۇشى لايىھەسى»نى دوكلات قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يېقىندا لياۋ خۇڭنى قايتا زىيارەت قىلدى، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بايانى ۋە يۈرەك ساداسى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگەن چاغدا، ياپيېشىل چاي دەرەخلىرى ئارىسىدىكى قىچىلار ئالتۇندەك چېچەكلەپ كەتكەنىدى. مەن باش شۇجىغا مۇنداق تونۇشتۇردۇم: چاي دەرىخى ئارىسىغا دادۇر بىلەن قىچىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئارقىلىق، تۇپراققا قۇۋۋەت تولۇقلاپلا قالماي، يەنە كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، چاينىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، بىز مۇستەقىل ئىجاد قىلغان ئۇسۇل. باش شۇجى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىزگە «ئىلمىي ماقالىنى ئېتىز ـ دالىلارغا، زېمىنغا يېزىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى كوللېكتىپىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چايزارلىقتا ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چايچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى تەجرىبىلىرىنى ناھايىتى ياخشى خۇلاسىلەپ، داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مەن 2019 ـ يىلى پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىلى قوشۇنىغا قوشۇلدۇم. بۇ تۈزۈم فۇجيەن نەنپىڭدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقاندا زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغان بىر تۈرلۈك خىزمەت مېخانىزمى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ باشتىن ـ ئاخىر بۇ قوشۇنغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىدىن ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇرچ زىممىمىزدە، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يەردە قويساق بولمايدۇ دەپ قارىدى.

ۋۇيىشەندە يەرلىك دېھقانلار چاينى ياخشى ئۆستۈرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭدا نۇرغۇن مەسىلە بار. بەزى چايچى دېھقانلار بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، كۆپ يىل چاي ئۆستۈردۇق، ئەمما چاينىڭ تەمى نېمە ئۈچۈن يىلدىن ـ يىلغا ناچارلىشىپ كېتىدۇ؟ دېدى. بەزىلىرى چاينى ياخشى ئۆستۈرەلمەيلا قالماي، يەنە تۇپراق كىسلاتالىشىش، سۇ ـ تۇپراق ئېقىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، بىز پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى «ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق» ئەندىزىسىنى ۋۇيىشەندىكى نۇرغۇن چايزارلىقتا كېڭەيتتۇق. دەسلەپتە دېھقانلار بىر ئىشىنىپ ـ بىر ئىشەنمەي: دادۇرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش قانداقمۇ خىمىيەلىك ئوغۇتنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ؟ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمىسە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ دەپ گۇمانلاندى. قىسمەن ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ دېھقان قاراپ تۇرۇشتىن سىناپ بېقىشقا، ئاندىن ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئۆتۈپ، ئىلمىي ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

دەسلەپتە مەن پەقەت تەجرىبىخانىدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ يېزىلارغا چۈشتۈم، بۇلتۇر مەن باشلامچى بولۇپ بىر قوشۇننى تەشكىللەپ قۇردۇم، قوشۇن ئىچىدە شۇ جايدىكى پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى، ۋۇيى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار بار، ھەتتا يەنە يەرلىكتىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر» «دېھقان تېخنىكلار»نىمۇ قوبۇل قىلدۇق. كۆپچىلىك ياققان ئوت كۆككە تۇتىشىدۇ، ھازىر، ئوقۇغۇچىلار ماڭا ئەگىشىپ چايزارلىققا بېرىپ تەجرىبە ئىشلەيدۇ، «يەرلىك مۇتەخەسسىس»لەر دېھقانلارغا «دەرس» ئۆتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «پەن ـ تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى» بەك ياخشى ئىكەن، چاقىرغان ھامان كېلىدىكەن، دېيىشتى.

باش شۇجى كېلىشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقىمىزنىڭ كۆلىمى پەقەت 2000 ـ 3000 مولا كېلەتتى، ھازىر 20 مىڭ مودىن ئاشتى، ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق تېخىمۇ كۆپ چايچى دېھقانغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغاندىن كېيىن، چاينىڭ تەمى خېلىلا ياخشىلاندى، ئىلگىرى كۆك چاينى سېتىش غەم ئىدى، بۇ يىل كىشىلەر ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بولدى! ھازىر بىز يەنزىكېغا بارساق، ھەممە ئائىلىدىكىلەر بىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىز ئىلمىي ماقالىنى ئېتىز ـ دالىلارغا، زېمىنغا يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنى داۋاملىق يېتەكلەپ ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ پۇل تېپىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنى تۇپراقتا يىلتىز تارتقۇزۇپ، پەن ـ تېخنىكىنىڭ كۈچىنى ئېتىز ـ دالىلاردا نامايان قىلىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت