شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش»
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى بىر يېڭى مەنزىلگە كۆتۈردى.

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۈز مىليونلىغان خەلق توختىماي ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ −

«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان»

4 ـ ئايدىكى خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسىدا، دەل ـ دەرەخلەر بۈك ـ باراقسان بولۇپ، ھاۋاسى ساپ ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئەگرى ـ بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ، ۋۇجىشەن تەۋەلىك رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى − «دۆلەت گۆھىرى».

دۆلەت باغچىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەقدىرى ئىنسانلار بىلەن زىچ باغلانغان. بىز تارىخ ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىۋاتىمىز».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، «گۈزەل جۇڭگو»نى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى قىلىپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يولىدا قەتئىي مېڭىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشتىن كەلگەن.

بىر ھېكايە كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ ئەترەتنى باشلاپ پىڭتەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىر كەنتتىن ئۆتكەندە، ئۇ بىللە كەلگەن يولداشلارغا بىر بۆلەك تارىخنى سۆزلەپ بەردى: چيەنلۇڭنىڭ 14 ـ يىلى، شۇ جايدا «بىر كېچىدە 18 كەنتنى قۇم بېسىپ كېتىش» پاجىئەسى يۈزبەرگەن، بىرمۇ كىشى ئاپەتتە ئامان قالمىغان، پەقەت بىر چوشقا كۈچۈكى قېچىپ چىققان.

شى جىنپىڭ ئېچىنغان ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز بۇ يەردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان بىر سەلبىي تەربىيە بازىسى قۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ دەل بىزنىڭ جان تومۇرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك».

دۇنياغا نەزەر سالساق، ئىنسانلار سانائەت مەدەنىيلىكى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، غايەت زور ماددىي بايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولۇۋېلىشنى تېزلىتىپ، يەرشارى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيىتى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلىشىدۇ» «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئىش».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھۆكۈمى تەبىئىي ئېكولوگىيە بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، ئىككىسىنىڭ تەقدىرداش بولغان، گۈللىنىش ـ خارابلىشىشتا بىللە بولىدىغان قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

2016 ـ يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى چۇڭچىڭدا ئېچىلدى.

«بۈگۈن سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشۇم مۇمكىن، بۇ قېتىم مۇزاكىرە قىلىدىغىنىمىز تەرەققىيات مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قوغداش مەسىلىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدۇللا قىلىپ شۇنداق دېدى، يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشى «بىر داس سوغۇق سۇ سېپىلگەندەك» تۇيغۇدا بولدى.

2016 ـ يىلىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدا «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق»تىن ئىبارەت دىيالېكتىك مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش تەرەققىيات سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەستىن، بەلكى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، تۈرتكە بولۇش رولىنى ئۆستۈردى.

جەنۇبتا چاڭجياڭ دەرياسى، شىمالدا خۇاڭخې دەرياسى بار.

ئۈچ دەريا مەنبەسىدە، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغداشنى قايتا ـ قايتا تاپىلىدى؛ گەنسۇدا، «خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ نىڭشيادا، «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى قۇرۇش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىن كېيىن، بىز خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ <دەريا ئىستراتېگىيەسى> بېكىتىلدى».

قەدىمدىن تارتىپ مەدەنىيلىك سۇغا تايىنىپ گۈللەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دەريا ئىستراتېگىيەسى»دە دەل دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى كۆزلەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشتۇر.

ۋەتەننىڭ تاغ ـ دەريالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولماقتا.

چىنلىڭ تېغى − 2020 ـ يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى بېكەت.

ئىلگىرى، چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلار خۇددى پارچە ـ پارچە تاتۇقتەك كىشىنى ئېچىندۇراتتى. چىنلىڭ تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش، ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

سوغۇق تاغ شامىلىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەرگىزمۇ قانچىلىك مال ـ دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى تارىخ ئۈچۈن، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا، نەچچە ئون يىللىق، نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا يېزىلىدۇ. تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن كەڭ قورساقلىق بىلەن، ھەقىقىي تۈردە تارىخقا مەسئۇل بولۇش، مىللەتكە مەسئۇل بولۇش كېرەك، تارىختا يامان ئاتاق قالدۇرۇشقا بولمايدۇ».

شەنشى يەنئەندىكى تاغنى تۈزلەپ شەھەر بەرپا قىلىش، جېجياڭ خاڭجوۋدىكى چيەنداۋخۇ كۆلىگە يېقىن بەلباغدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، تېڭگېر قۇملۇقىنىڭ بۇلغىنىشى، چىليەنشەن ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى رايونىدىكى شياسەيخۇ كۆلىنىڭ توسمىسىنى قانۇنسىز پاكارلىتىپ توسۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇش، ئاخىرغىچە تۇتۇشنى تەكىتلىدى.

«ئېكولوگىيەنى قوغداش جەھەتتە مەن مەيلى رىغبەتلەندۈرۈپ تۈرتكە بولاي ياكى تەنقىد قىلىپ چەكلەي، ھەممىسى بىر مەزگىللىك، بىر ئىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چوڭ ئېكولوگىيە، چوڭ مۇھىتنى كۆزلەش، جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەش ئۈچۈندۇر.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتتى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز بېيىدى ۋە تەرەققىي قىلدى. 2019 ـ يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تۆت بىر» ئارقىلىق بۇ ئىدىيەنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى −

«بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساسىي تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىل بولۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى.

بۇ «تۆت بىر» پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلەنگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى.

«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ئارقا ـ ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار نەچچە ئون تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەسى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ قانۇن چىقىرىلىپ 6 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى مۇھىت كۈنى قىلىپ تەسىس قىلىندى، «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق» بولغان يېڭى مۇھىت قوغداش قانۇنى يولغا قويۇلدى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى...

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» −

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق»

50 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ لىجياڭ دەرياسىغا بارغان. «ئەينى چاغدا ھېس قىلىشىمچە دەريا يۈزى قېنىق كۆك رەڭدە بولۇپ، نۇر چاقناپ تېگىنى كۆرگىلى بولاتتى. دەريا بويىدىكى بېلىقچىلارنىڭ بېلىق سېۋىتىدىكى بېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كارپ بېلىقى ئىدى، خۇددى رىۋايەتلەردىكى ھېكايىلەرگە ئوخشاش تۇيغۇدا بولاتتۇق.» شى جىنپىڭ كېيىن مۇشۇنداق ئەسلىدى.

2021 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، گۇاڭشىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، لىجياڭ دەرياسى بويىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم كەلگىنىمدە ئەڭ دىققەت قىلغىنىم سىلەرنىڭ دۇنيادا تەڭداشسىز بولغان تاغ ـ دەريالىرىڭلار بولدى. بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشىلىقىغا نېمىمۇ تەڭ كېلەلىسۇن؟ گۇيلىننىڭ تاغ ـ دەريالىرىنى ياخشى قوغداش سىلەرنىڭ باش مەسئۇلىيىتىڭلار».

گۇيلىننىڭ تاغ ـ دەريالىرىمۇ ئىلگىرى قانۇنسىز تاش قېزىش، قۇم قېزىش قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيلىن شەھىرى لىجياڭ دەرياسىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا، شى جىنپىڭ خېلى بۇرۇنلا جاۋاب بەرگەنىدى.

2005 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ ئەنجى ناھىيەسىنىڭ يۈسۈن كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئارقىدىن ئېلان قىلغان «جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى» مەخسۇس ئىستون ماقالىسىدە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئىنتىلىمىز، ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دەل، ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بولۇش، ھەم بايلىق بولۇشتىن ئىبارەت».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

2020 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىدە قايتا زىيارەتتە بولدى.

يىراقتىكى تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، بامبۇكزارلىقلار تۇتىشىپ كەتكەنىدى؛ يېقىن ئەتراپتىكى ئوت ـ چۆپ، دەل ـ دەرەخلەر بۈك ـ باراقسان بولۇپ، ئېرىقتىكى سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى خۇشال ھالدا باش شۇجىغا دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ تىجارىتى ۋە ئاق چاي قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزى ئىقتىساد، ئېكولوگىيەنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق».

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بەردى، تەرەققىيات بىلەن قوغداش ماس بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

2012 ـ يىلى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8تىن تۆۋەن بولدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەخمىنەن %11.5ىنى ئىگىلىدى، بىرلىك GDPدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى بولسا دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز ھەرگىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ بىر مەزگىللىك تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرسەك بولمايدۇ» «سۈرئەتنى يەنە ئازراق تېزلىتىش قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى قىلمىدۇق».

2013 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشقاندا، دەل جايىغا تەگكۈزۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەملىكەت بويىچە بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان ئون شەھەرنىڭ يەتتىسى خېبېيدا. ئەمدى بىر قارارغا كېلىپ قۇرۇلمىنى تەڭشىمىسەك تارىخ ۋە خەلققە جاۋاب بېرەلمەيمىز».

بىر مەيدان «داۋان ئېشىپ، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈش» كەسكىن جېڭى يەن، جاۋ كەڭ زېمىنىدا باشلاندى. «كەسكىن» تەدبىر ئارقىلىق كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى قەدەممۇقەدەم ياخشىلاندى.

قايتا ـ قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قايتا ـ قايتا ئويلىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى:

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بىلەن بايلىق ھەرگىزمۇ بىر ـ بىرىگە قارىمۇقارشى ئەمەس، ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ پىكىر يولىدا. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق».

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات زىددىيەتلىك قارىمۇقارشى مۇناسىۋەت بولماستىن، بەلكى دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە مۇناسىۋەت. پەقەت يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى ياخشى سالغاندىلا، ئاندىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتتا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ».

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداشتا ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق پىلان بولۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە «ئادەمنىڭ جان تومۇرى ئېتىزدا، ئېتىزنىڭ جان تومۇرى سۇدا، سۇنىڭ جان تومۇرى تاغدا، تاغنىڭ جان تومۇرى تۇپراقتا، تۇپراقنىڭ جان تومۇرى ئورمان ۋە ئوتلاقتا، بۇ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى».

ئېكولوگىيەنىڭ سىستېمىلىقلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىدە چىڭ تۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» توغرىسىدىكى بۇ مۇھىم بايانى سىستېمىلىق تەپەككۇرنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىنى نامايان قىلدى.

2013 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى> توغرىسىدىكى ئىزاھات»تا مۇنداق كۆرسەتتى: «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆلنى بىرتۇتاش قوغداش، بىرتۇتاش ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر».

كېيىن باش شۇجى يەنە «ئوتلاق» ۋە «قۇملۇق»نى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى: تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى.

ئوتتۇرا ياز مەزگىلىدىكى خاڭجوۋ شىشى سۇلۇق يېرى. دەريا، كۆل، پورتلاردا قۇشلار توختىماي سايرايتتى، دالا قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

20 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەردىكى دەريا يولىنى ئەخلەت قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئاھالە مۇھىتنىڭ ناچارلىشىش سەۋەبىدىن ئامالسىز كۆچۈپ كەتكەنىدى. 2003 ـ يىلى، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ شىشى سۇلۇق يېرىنى ئۇنىۋېرسال قوغداش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ قوزغاتتى، شىشى سۇلۇق يېرى تۈپتىن ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالدى.

2020 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىشىغا كېلىپ، لۈدى، فۇدى توسمىلىرىنى بويلاپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە سۇ مۇھىتىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ساقلاش كېرەك» دەپ قايتا ـ قايتا تاپىلىدى.

خەلق ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى قەتئىي بولدى:

«ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. بىز قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، خەلققە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك»؛

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، بىر ـ بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

2015 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈنلەر قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟» دەپ سورىدى.

«70%».

بىرەيلەن سۆز قىستۇرۇپ، «بەزىدە تەبىئەتكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىمىز» دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «شەرق شامىلىغىلا تايىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ! ئىش ئادەمگە باغلىق».

كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، «پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش»؛ سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، «پۇقرالارغا سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل قىرغاقنى، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈۋاتقان مەنزىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش»؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزا مۇھىتىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، «پۇقرالار ئۈچۈن قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرىدىغان، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان سەھرا مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك»...

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇلغىنىشقا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، ئەۋلادلارغا ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل يۇرت ـ ماكان قالدۇرۇشقا تىرىشتى.

بارلىق شەيئىلەر ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت ـ ماكاننى ئورتاق قۇرۇش −

«پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىقلا ئىش بولسا، جۇڭگو قىلچە باش تارتماي قىلىدۇ ھەمدە ياخشى قىلىدۇ»

بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئەنگلىيە فرانىس خوللاند مەكتىپىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر قىممەتلىك سوۋغا تاپشۇرۇۋالدى − بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى ئىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: «يەرشارى بىر چوڭ ئائىلە، ئىنسانلار بىر ئورتاق گەۋدە، كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتكۈل ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس، ئۇنىڭغا ئىنسانلار ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك».

رەئىس شى جىنپىڭ يەنە كىچىك دوستلارغا سەمىمىي تەكلىپ ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ جۇڭگودىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەلبىڭلاردا يىلتىز تارتقۇزۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىنسانلار گۈزەل يۇرت ـ ماكانىنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشىڭلارنى قارشى ئالىمەن».

جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن خۇشال بولدى. سەككىز ياشلىق ئوقۇغۇچى مانۇڭ شى بوۋىسىغا مۇنداق دېيىشنى ئويلىغانىدى: «ساۋاقداشلىرىم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۆپچىلىك دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆزگىرىشىگە ياردەم بېرىشنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمىز.» مەكتەپ مۇدىرى لۇسى ئېلفېنستون مۇنداق دېدى: جاۋاب خەتكە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دۇنيادىكى مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا قاتنىشىشى توغرىسىدىكى سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.

يەرشارىۋى ماكاننى ئورتاق گۈللەندۈرۈشتە، تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە يارىتىدىغان جۇڭگو مەسئۇلىيىتى بار.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «باشقىلار بىزدىن قىلىشنى تەلەپ قىلمىدى، بەلكى بىز ئۆزىمىز قىلماقچى».

2015 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ پارىژغا يېتىپ كېلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

يىغىندا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پارىژ كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى مەيدانى، تەشەببۇسىنى ئىزاھلىدى؛ يىغىن سىرتىدا، پائالىيەت ئارىلىقىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۆپ مەيدان ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

2016 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، خاڭجوۋ شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىنىڭ رۇيى زالى، بىر مەيدان ئالاھىدە مۇراسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى −

رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئەينى چاغدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا تاپشۇرۇپ بەردى.

«جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا تەشەببۇس قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى رەئىس باياناتى ئېلان قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن <پارىژ كېلىشىمى>نى ئىمزالىدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەستىق ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بەرگەن يېڭى تەنتەنىلىك ۋەدە» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ.

كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن كەسكىن خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يەرشارىۋى ماكانىنى تىرىشىپ ياخشى قوغدىدى.

2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 75 ـ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، پۈتۈن دۇنياغا مۇنداق جاكارلىدى: «جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون (IV)ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 ـ يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060 ـ يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە، جاراڭلىق بولدى: «پەقەت پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىش بولسىلا، جۇڭگو قىلچە باش تارتماي قىلىدۇ ھەم ياخشى قىلىدۇ».

2021 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ سىن شەكلىدە 76 ـ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا، يەنە «ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە تۈرلۈك يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيەنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى، ئەمدى چېگرا سىرتىدا كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى يېڭىدىن قۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە بولغان ۋاقىتنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر سەرپ قىلغان ۋاقىتتىن كۆپ قىسقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ».

قىيىنچىلىقتىن قاچماي، قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش. جۇڭگونىڭ «قوش كاربون» نىشانىدىكى «1+N» سىياسىتى ئارقا ـ ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېزلىتىلدى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشىگە ئايلانماقتا.

جۇڭگو «جۇڭگونىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دۆلەت ئايرىمىسى لايىھەسى»نى باشلامچىلىق بىلەن ئېلان قىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا تەشەببۇسىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، ئورمان بايلىقىنىڭ ئېشىش كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1 ـ ئورۇندا بولۇپ، يەرشارىۋى ئوزۇن قاتلىمىنى قوغداشقا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان دۆلەتكە ئايلاندى...

بۈگۈنكى جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ، يەرشارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى، يېتەكلىگۈچىسىگە ئايلاندى.

2021 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنىڭ «جۇڭگو ئاۋازى»نى تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، 2022 ـ يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى سىن يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم ئىشلىتىپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى:

«جۇڭگو سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ».

كىشىلەر تەبىئەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىسا، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقالايمىز.

(مۇخبىرلار گاۋ جىڭ، خۇ لۇ، خوۋ شۆجىڭ، ۋۇ يۆ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت