شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
گوۋۇيۈەن «ئىقتىسادنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-06-02 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، گوۋۇيۈەن «ئىقتىسادنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش كېرەك، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر» ئالتە جەھەتتىكى 33 تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، مالىيە سىياسىتى. قوشۇلما قىممەت بېجىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىپ، 142 مىليارد يۈەن يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش مۆلچەرلىنىپ، مالىيە چىقىمى سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىشى، ئىشلىتىشى تېزلىتىلىدۇ ھەم قوللاش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنىڭ تەكرار كېپىللىك ھەمكارلىق كەسپى كۆلىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاش ۋە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېڭەيتىلىدۇ. ئىككىنچى، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتى. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قەرز پۇلى ھەم يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە ئىستېمال قەرز پۇلى قاتارلىقلارغا قارىتا دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئەمەلىي قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىتىلىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇنۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ. ئۈچىنچى، مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەر. بىر تۈركۈم دەلىللىنىپ پىشىپ يېتىلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا تېز تۈرتكە بولۇنۇپ، شەھەر يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ ۋە كېڭەيتىلىپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال مۇقىم ئاشۇرۇلىدۇ. تۆتىنچى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى. ئاشلىق پايدىسى كاپالىتى قاتارلىق سىياسەتلەر تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بىخەتەر، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەرتىپلىك قويۇپ بېرىلىپ، بىر تۈركۈم ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، كۆمۈر، خام نېفىت قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. بەشىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سۇ، توك، تور ئىشلىتىش قاتارلىق تەننەرخلىرى تۆۋەنلىتىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭ ئۇچرىغان ساھە، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەدەت بېرىش سالمىقى زورايتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش سىياسىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ۋە ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى قوللاش سالمىقى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ زورايتىلىپ، مۇھىم، زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى پائال جەلپ قىلىشى تېز ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئالتىنچى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باسقۇچلۇق قوللاش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇس ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ياخشى تۇتۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر»نىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋاقتىدا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغا قارىتا تېخىمۇ زور سىياسەت ئۈنۈمىنى ئىمكانقەدەر بالدۇرھاسىل قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە 2 - پەسىللىك ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق تەرەققىياتنى تىرىشىپ ياخشى ئاساسقا ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت