شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئازادلىق ئارمىيە قىزىمغا گۈزەل ھايات ئاتا قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-31 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى  ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جېڭ جيايى

  5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، 12 ياشلىق شياۋدى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ناركوز يېشىلىپ ھوشىغا كېلىپ، كۆزىنى ئاستا ئاچتى، ئۇ مۇلايىم ۋە ئىللىق بىر جۈپ كۆزنى كۆردى. «بالام، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ماڭالايدىغان بولدىڭىز!» دېدى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2- دوختۇرخانىنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ بو.

  بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، شياۋدىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. ئۇ كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئانىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋالغانلىقىنى، بەخت پارلىغان ياش تامچىلىرىنىڭ كۆز قۇيرۇقىدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  شياۋدى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شاخاپ يېزىسىدىن، 12 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياخشى يېتىلمىگەچكە، بەدىنى غەلىتە بولۇپ قېلىپ، ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقانىدى. ئانىسى ئۇنى نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا  ئېلىپ بېرىپ، ئىككى قېتىم تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغانىدى.

  شياۋدى ئۆگىنىشتە تىرىشچان، جاپاغا چىدامچان بولۇپ، سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى ئىدى، نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. لېكىن، بەدىنىدىكى نۇقسان ئۇنى باشقىلارغا يۈزلىنەلمەيدىغان قىلىپ قويغانىدى. گەپ قىلغاندىمۇ ھەمىشە كۆزىنى قاچۇراتتى.

  ياۋاش ئەمما ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىزىغا قاراپ، شياۋدىنىڭ ئانىسى كۈنبويى غەمكىن ھالدا: «كېيىن ئۇ چوڭ بولغاندا قانداقمۇ قىلارمىز؟» دەيتتى.

  تەقدىر ھامان تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتقا قۇچاق ئاچىدۇ.

  بۇ يىل 4-ئايدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 950- دوختۇرخانىغا كېلىپ تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى شياۋدىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خۇاڭ بونىڭ كۆڭلىدە ئىشەنچ پەيدا بولدى، ئۇ بالىنىڭ ئانىسغا: «بىزگە ئىشىنىڭ، شياۋدى نورمال بالىلارغا ئوخشاش بولالايدۇ» دېدى.

  دوختۇرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن بەرگەن  ۋەدىسىنى ئاڭلىغان شياۋدىنىڭ ئانىسى ھەر خىل خىياللارغا چۆمدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ قەلبىنى بېسىپ تۇرغان چوڭ تاش ئاخىر ئېلىپ تاشلاندى.

  خۇاڭ بونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يانغا ئېگىلىشى يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا يۇلۇنغا تەسىر كۆرسىتىپ، پالەچ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. «گەرچە ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بەلگىلىك خەتىرى بولسىمۇ، بىز شياۋدى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز» دېدى خۇاڭ بو.

  شياۋدى AB قان تىپلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئوپېراتسىيەدە قان ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوپېراتسىيە ۋاقتى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە 950-دوختۇرخانا پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى دوختۇر-سېسترالارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، خۇاڭ بو مەخسۇس چۇڭچىڭدىن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەپ كەلدى، پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى مۇھاكىمە يىغىنى نەچچە قېتىم ئېچىلغان بولۇپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە شياۋدىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە داۋالاش لايىھەسىدىكى تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تەپسىلىي تۈزۈپ چىقتى.

  ئوپېراتسىيە ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

  5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئانىسى ۋە دوختۇر-سېسترالارنىڭ ھەمراھلىقىدا شياۋدى ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى. «ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن بەلگە چىرىغى سەككىز سائەت يورۇدى. بۇ مەزگىلدە، سېسترالار پونكىتىنىڭ تېلېفونى كەينى-كەينىدىن جىرىڭلىدى، ئوخشاش بولمىغان بۆلۈملەردىكى داۋالاش خادىملىرى تېلېفون بېرىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى. قاننىڭ ۋاقتىدا تولۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، AB قان تىپىدىكى نۇرغۇن داۋالاش خادىملىرى دوختۇرخانىدىن قايتماي، ھەر ۋاقىت قان تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇردى.

  ۋاقىت بىر مىنۇت بىر سېكۇنتتىن ئۆتۈۋاتاتتى. قۇياش نۇرى دېرىزىدىن ئۆتۈپ كىشىلەرنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە، ئوپېراتسىيە كۆرسەتكۈچ چىرىغى ئۆچتى. ئۇزاق ساقلىغان داۋالاش خادىملىرى ۋە ئائىلە تەۋەلىرى دەرھال ئىشىك ئالدىغا كەلدى، ئىشىك ئاستا ئېچىلدى، شياۋدى ئوپېراتسىيە كارىۋىتىدا ياتاتتى، ناركوز ھالىتىدە ئۇ ناھايىتى قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنىدى. دوختۇرلارنىڭ گەرچە چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى. «ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى!» خۇاڭ بونىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، شياۋدىنىڭ ئانىسى ئاخىر خاتىرجەم بولدى، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى.

  «قىزىمنىڭ ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى...» ئەڭ ئاۋۋال، شياۋدىنىڭ ئانىسى تېلېفون ئارقىلىق بۇ خۇش خەۋەرنى دوختۇرخانا سىرتىدا تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئېرىگە ئېيتتى. نەچچە سېكۇنت جىمجىتلىقتىن كېيىن، ئېرى بوغۇق ئاۋازدا: «تېز ماڭا ۋاكالىتەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دوختۇرلىرىغا رەھمەت ئېيتىڭ، ئۇلار قىزىمىزغا گۈزەل ھاياتلىق ئاتا قىلدى، ئازادلىق ئارمىيە پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ شەپقەتچىسى» دېدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت