شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قەلبلەرنى ئىللىتقان بۇ ھېكايىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى ئىللىتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-31 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى دادۇڭ، ليۇ خۇڭشيا، يۈ تاۋ، سۈن شاۋشيۇڭ

ئاشۇ چىراغ نۇرى نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى − يېقىندا، بىر كۈنى كەچتە، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە، بىر ئانا ۋېلىسىپىت بىلەن قىزىنى ئېلىپ يېزا يولىدا كېتىۋاتاتتى. تاسادىپىي بىللە مېڭىپ قالغان بىر ئاپتوموبىل شوپۇرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاپتوموبىل چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ئۇزاققىچە ھەمراھ بولۇپ ماڭدى... توردا كەڭ تارقالغان بۇ سىن ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك مېھىر ـ مۇھەببىتى ناھايىتى ئىللىق ھەم ناھايىتى چوڭقۇر.

2014 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.» ئالتە يىلدىن كېيىنكى 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

مۇخبىرلار يېقىندا شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا زىيارەتتە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا قالدۇرغان ئىناق بىللە ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

بۇ بۆشۈك تۆت مىللەتتىن بولغان 27 بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى

شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرىنىڭ جۇجەنلۇ يېزىسىدا مۇنداق بىر بۆشۈك بار، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ بۆشۈك تۆت مىللەتتىن بولغان 27 بوۋاقنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىغا ھەمراھ بولدى... ئۇ بالىلارنىڭ ھازىر ئەڭ چوڭىنىڭ يېشى 50 كە يېقىنلاشتى، ئەڭ كىچىكى ئەمدىلا يەسلىگە كىردى.

كەنت ئاھالىسى قايرات تويبېك مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بوۋام ياش ۋاقتىدا بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن بۇ بۆشۈكنى بۇيرۇتۇپ ياساتقان ئىكەن، ئويلىمىغان يەردىن، بۇ بۆشۈك كېيىن كەنتتىكىلەرنىڭ بالىلىرىنى باقىدىغان «گۆھەر»گە ئايلاندى، قايسى ئائىلىدە پەرزەنت تۇغۇلسا، شۇ ئائىلە ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتتى.

«ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بۆشۈكتە چوڭ بولغان.» قايرات مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدا، چوڭلار دېھقانچىلىق ئىشلىرى، چارۋا بېقىش، كىر يۇيۇپ، تاماق ئېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بالىلارنى كۈنبويى يېنىدىن ئايرىماي قاراشقا ئامالسىز قالغاندا، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە، بۆشۈكنىڭ رولى چوڭ ئىدى.

«ئوغلۇم، قىزىم تۇغۇلغاندا، ئىككىلىسىگە مۇشۇ بۆشۈكنى ئىشلەتكەنىدىم.» جۇجەنلۇ يېزىسىدىكى دېھقان جاڭ يىشيۇ مۇنداق دېدى: بۇ بۆشۈكنى ئارىيەتكە ئەكېلىپ بالىنى بۆلەپ قويساق، تېخىمۇ خاتىرجەم بولاتتۇق. «بۆشۈك مەيلى كىمنىڭ ئۆيىدە بولسۇن، ھەممىسى بەك ئاۋايلاپ ئىشلەتتى».

خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان سەي جۇڭفۇ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئالىم، خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان ۋاڭ جېنخەي... يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ بۆشۈك جۇجەنلۇ يېزىسىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدە ئايلىنىپ يۈردى.

كىچىككىنە بۇ بۆشۈك ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇردى.

دەل كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى ناھايىتى ئاسرىغاچقا، نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۆشۈكتىكى قىزىل، كۆك رەڭلىك سىرلار يەنىلا ئېنىق ئىدى، بۆشۈك جازىلىرى ئازراقمۇ بوشاپ قالمىغان، پەقەت بۆشۈك تاختىيى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن ئۇپراپ پارقىراپ كەتكەنىدى.

يېقىندا، «شىنجاڭلىق تاغىنىڭ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن» سىن كۆرۈنۈشى ئېكرانلارنى قاپلىدى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇجى يېزىسىدا، باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەر سۇ يىغىلىپ قالغان يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە، ئاپتوموبىلى ئېھتىياتسىزلىقتىن پاتقاققا پېتىپ قالدى، بۇ چاغدا يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى قىرغىز چارۋىچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشكە باردى.

ئۇلار يولنىڭ پاتقاقلىقىغا قارىماي، ئۇدۇل سۇ ئازگىلىغا كىرىپ، قولىنى لاي سۇغا تىقىپ، چاقنىڭ ئاستىغا تاش يۆلەپ، بىرمەھەل تىرىشىپ ئاپتوموبىلنى ئىتتىرىپ چىقاردى.

ساياھەتچىلەر چارۋىچىلارغا ئاز ـ تولا ھەق بېرىپ رەھمەت ئېيتماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ پۇل تەڭلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چارۋىچى ئابدۇجاپپار مېڭدى دەرھال رەت قىلدى ھەم پەخىرلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە تاقىۋالغان پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتتى.

«ئۇ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن شۇ دەقىقىدە، كۆزۈمگە ياش كەلدى»، «ئاق كۆڭۈل چارۋىچىلاردىن تەسىرلەندىم...» نۇرغۇن تورداش بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى.

كىچىككىنە بۆشۈكتىن ئاپتوموبىلنى ئىتتىرگەن ئاق كۆڭۈل تاغىغىچە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ھېكايىلىرى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

بۇ ئەر ـ خوتۇن ھەر مىللەتتىن بولغان 175 «پەرزەنت»نى بېقىپ چوڭ قىلدى

ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا شېن جيەنجيانىڭ ئۆيى ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ «تۆت پەرزەنتى»نىڭ ھەممىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىللە خۇشال ـ خۇرام ئوينايدۇ.

لاۋ شېن بۇ يىل 66 ياش بولۇپ، ئائىلىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرىنىڭ بوستان مەھەللىسىدە. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ تۆت بالىنىڭ لاۋشېننىڭ ئۆز پەرزەنتى بولماستىن، بەلكى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدىكى دىلمۇرات بېكبوسېن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشلاپ تېكەس ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغىچە، لاۋ شېننىڭ ئۆيىدە ئۇدا يەتتە يىل تۇردى.

ئەمەلىيەتتە، لاۋ شېن ئەر ـ خوتۇن ئۆتكەن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 175 بالىنى ئۆيىدە ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بەرگەنىدى.

ئۇزاق يىل ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئۆكۈنمەي ياردەم بېرىش لاۋ شېننىڭ ئىلگىرى ئىللىقلىققا ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان.

ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، بالىلىق چاغلىرىدا بەش ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىل ئاتا ـ ئانىسىغا ئەگىشىپ تېكەس ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇ چاغدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. «ئەڭ قىينالغان چاغلىرىمىزدا، ھەر مىللەت قوشنىلار ياردەم قولىنى سۇنۇپ، كىيىم ـ كېچەك، تاماق ئەكېلىپ بېرىپ، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنىدى».

ئۇ ھەر مىللەت يۇرتداشلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا بەل باغلىدى. 1982 ـ يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، شېن جيەنجيا ناھىيە بازىرىدا ئوقۇۋاتقان ئالتە قازاق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن، مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

شېن جيەنجيا خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ئالتە بالىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆيى يىراق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش شېن جيەنجيا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئايلاندى.

«نۇرغۇن بالا بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى داڭلىق داشۆلەرگە ئۆتتى، ئۇلار ناھايىتى ئەقىللىق، ھەر يىلى قىشلىق، يازلىق تەتىلدە مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ، مېنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىمغا، ئۆيدە تۇرۇۋاتقان باشقا بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغا ياردەملىشىدۇ» دېدى ئۇ.

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، لاۋ شېن تېكەس ناھىيەلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرىپ خىزمەت قىلدى ھەم شېن جيەنجيا خىزمەت ئىشخانىسىنى قۇردى. 2020 ـ يىلى، بۇ خىزمەت ئىشخانىسى تېكەس ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى.

2021 ـ يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، شەكلى كۆپ خىل، جانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش جەريانىدا جەمئىي 170 مىليون ئائىلە قېتىمدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلدى، 24 مىليوندىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلدى.

بۇ قېتىمقى «ۋاكالىتەن ھەيدەش» بىزنىڭ قەلب رىشتىمىزنى چىڭ باغلىدى

مۇساپىسى 5000 كىلومېتىرغا يېقىن بىر قېتىملىق ۋاكالىتەن ھەيدەشكە قانچە پۇل كېتىدۇ؟ شىنجاڭلىق ئىككى يىگىتنىڭ تاللىشى: ھەقسىز.

ھەر قېتىم شىنجاڭدا پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى كەلگەندە، پاختا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. جياڭسۇلۇق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جاۋ شۈلېي شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى مەنسۇر پەتتار، مەمەت نۇردۇن بىلەن بىر تىرانسپورت لىنىيەسىدە قاتنايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۈچەيلەن ياخشى دوستقا ئايلاندى.

2021 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، بىر قېتىم مال چۈشۈرۈۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبېرىپ، جاۋ شۈلېينىڭ سول كۆزى يارىلاندى. ئۇنىڭ شىنجاڭدا بىرمۇ ئۇرۇق ـ تۇغقىنى بولمىغاچقا، بىرىنچى ۋاقىتتا مەنسۇرغا تېلېفون بەردى.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەنسۇر دەرھال قولىدىكى بارلىق خىزمىتىنى قويۇپ، جاۋ شۈلېيغا ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتى. 12 ـ ئاينىڭ بېشىدا، جاۋ شۈلېي بېيجىڭغا بېرىپ داۋاملىق داۋالانماقچى بولدى، لېكىن شىنجاڭدا توختىتىپ قويۇلغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.

«دوستىمىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك». مەنسۇر بىلەن مەمەت جاۋ شۈلېيغا ۋاكالىتەن ئاپتوموبىلنى جياڭسۇ شۈجوۋدىكى يۇرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

بۇلا ئەمەس، جاۋ شۈلېينى خاتىرجەم داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، مەنسۇر بىلەن مەمەت يول ئۈستىدىكى بارلىق چىقىمنى ئۈستىگە ئالدى.

ئىككىيلەن بىر خالتا نان ۋە تەييار چۆپنى ئېلىپ، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يولغا چىقتى.

سەككىز كۈندە، مەنسۇر بىلەن مەمەت توختىماي يول يۈردى. چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىككىيلەن مېھمانخانىدا يېتىپ باقمىدى، ئاشخانىغا كىرىپ باقمىدى. شۈجوۋغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاندىن بىر ئاشخانىنى تېپىپ، بۇ نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئېغىزغا تېتىغۇدەك بىرۋاق تاماقنى يېدى.

بۇ بىر بۆلەك قالتىس سەپەر.

جاۋ شۈلېي بېيجىڭدىن شۈجوۋغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەن كۆرۈشتى، جاۋ شۈلېي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا ئىككى دوستىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى. ئۇلار بۇ قېرىنداشلىق مېھرىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا پۈتۈشتى...

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بىپايان تارىم ئويمانلىقىدىن ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالتاي تېغىغىچە، ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىدىن مۇنبەت تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۇرۇق ـ تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق كۈتۈۋالماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت