شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-31 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ خېيىن

«كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىشى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ». رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى باچېلېت بىلەن كۆرۈشكەندە شۇنداق بىلدۈردى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم تەجرىبە بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن ـ ئاخىر كىشىلىك ھوقۇقنى ھەر تەرەپلىمە قوغداش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىدۇ، خەلقچىللىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. مەيلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىش بولسۇن ياكى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداشتا بولسۇن، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مىسلىسىز كاپالەتكە ئىگە بولدى. بۇنىڭ ئۆزى دەل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان غايەت زور تۆھپە. ئەنگلىيە لوندون ئىقتىساد ۋە سودا سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ سابىق مەھكىمە باشلىقى روس مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، دۇنيا جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قانچە چۈشەنگەنسېرى، ئۆز دۆلىتىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش كۆلەمدە ياخشىلىنىشىنى شۇنچە ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەت كىشىلىك ھوقۇق مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. جۇڭگو ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى بىرىنچى ئورۇندىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»قا كىرگۈزۈلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «تەرەققىياتنىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا قوشقان تۆھپىسى» «كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق قارارلارنى كۆپ قېتىم ماقۇللىدى، جۇڭگو كۆپ قېتىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن «تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» «نامراتلىقنى ئازايتىپ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش» «يەرشارى بويىچە ۋاكسىنىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلار توغرىسىدا ئورتاق سۆز قىلىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تەرىپلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. پاكىستان ئىسلامئاباد خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى سەيىد چودۇرى مۇنداق قارىدى: جۇڭگو يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەت قىلغۇچى. ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرىدۇ. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلسا 32 مىليون كىشىنى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى 3.2 دوللاردىن تۆۋەن بولغان ئوتتۇراھال نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىكەن، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان يەرشارىۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتى ـ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم كۈچ قوشتى. يەرشارىۋى تەرەققىيات قىزىل رەقىمى ئالدىدا، جۇڭگو يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ تەشەببۇس ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كەڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ، ماس تەرەققىي قىلىدىغان خەلقئارا بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ھەممە كىشى كىشىلىك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ـ ئىلگىرىلىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت