شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى تاپشۇرۇق»
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-27 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، جىنەن شەھىرىدىكى سىرتتىن كەلگەن ئىشلىگۈچى خادىملار ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، كۆزنەك ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن دېھقان ئىشلىگۈچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئەينى چاغدا، ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر توپ «خۇش چىراي ھەدىلەر» باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دەل جو چاڭلى بار ئىدى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بايانى ۋە يۈرەك سۆزى −

مەن ئىلگىرى ئىش ئورنىدىن قالغان ئايال ئىشچى ئىدىم، كېيىن ئاچا ـ سىڭىللار بىلەن بىرلىكتە ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى يۈزتۇرا تۇرۇپ ئاڭلىيالايدىغانلىقىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم.

باش شۇجى بىزگە: «ئائىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئىستىقبالى بار، سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ قولايلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېدى، بۇ سۆزلەر قەلبىمنى بىردىنلا ئىللىتتى.

«ئائىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئىستىقبالى بار» − بۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى تاپشۇرۇق.

ئىلگىرى، جەمئىيەتتە ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا «بالا باققۇچى»، ھەتتا باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىلەر، دەپ قارىلاتتى. باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى بىزنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتى.

بولۇپمۇ مۇشۇ يىللاردا، «كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» ئۈچۈن، بىز كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم قۇرۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 800دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشكە تەشكىللىدۇق. ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە يېڭى «قان» ئېلىپ كېلىپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، «خۇش چىراي ھەدىلەر» جىنەندىن پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرى قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ 70 مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە يەتتى، كۆلىمى 2013 ـ يىلىدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئىمتىھان بېرىپ بوۋاقلار پەرۋىشكارى، ئوزۇقلۇق يېتەكچىسى قاتارلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تېخنىكىلىق ئىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ مېنى پەخىرلەندۈرگىنى، ئىلگىرى ئىش ئورنىدىن قالغان نۇرغۇن ئايال ئىشچى كېيىن مەملىكەتلىك ئاياللار ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى تالانت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى.

مەن باش شۇجىنى كۆرگەن ئاشۇ كۈنى كىيگەن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك خىزمەت كىيىمىمنى ئىزچىل ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. مەن كۆڭلۈمدە، ئىلگىرى بۇنى كىيىپ سىرتقا چىقسام «يۈزۈم تۆكۈلىدىغان» خىزمەت كىيىمى دەپ ئويلايتتىم، ھازىر مەن بۇ كەسىپنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەرەپ تۇيغۇسىنى ھېس قىلدىم.

2018 ـ يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىغا «خۇش چىراي ھەدىلەر»نىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى يۈزتۇرا دوكلات قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئاشۇ كۈنى، مەن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك خىزمەت كىيىمىنى يەنە بىر قېتىم كىيدىم.

باش شۇجى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى <خۇش چىراي ھەدە> دېگەن بۇ ئىسىمغا ئوخشاش يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ بولۇپ، ھەم يېزىلاردىن شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگۈچى خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ھەم شەھەردىكى ئائىلىلەرنىڭ بالا بېقىش، ياشانغانلارنى كۈتۈشتىن ئىبارەت رېئال ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان بۇ خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ياخشى ئىشلەپ، مېھىر ـ شەپقەت قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك».

باش شۇجى بىلەن ئىككى قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. مېنىڭ باش شۇجىغا شۇنداق ئېيتقۇم بار: «باش شۇجى، سىز بىزگە ئائىلە ئىشلىرىنى بىر كەسىپ بىلىپ ئىشلەشنى تاپىلىدىڭىز، بىز چوقۇم بۇنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشلىگەنسېرى غەيرەتكە تولىمىز!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت