شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە بولغان، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان، دېھقانلار قاتنىشىدىغان يولغا قويۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تېز بولۇشنى كۆزلىمەي، ياخشى بولۇشنى كۆزلەپ، بىرنى قىلىپ بىرنى پۈتكۈزۈپ، تىرىشىپ يېزىلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

«لايىھە»دە بېكىتىلگەن خىزمەت پىرىنسىپى: قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، پۇختا، قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىش؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەش؛ قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ھۆكۈمەت يېتەكلەش، دېھقانلار قاتنىشىش؛ قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش؛ بايلىق تېجەش، يېشىل قۇرۇلۇش قىلىش.

«لايىھە»دىكى ھەرىكەت نىشانى: 2025 - يىلىغا بارغاندا، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش، يېزا ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرى بويىچە كەنتلەرگىچە قاپلاش، ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىشتە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.

«لايىھە»دە «يېزا - كەنتلەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم «يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش» «سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» «تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش» قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

«لايىھە» جەمئىي بەش قىسىم، 29 ماددا.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت