شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمىزگە ئىشەنچ بېغىشلىدى»
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شياڭ جىچياڭ، خۇاڭ خاۋمىڭ

2020 - يىلى 5 - ئايدا، گۇاڭشى خۇەنجياڭ ماۋنەنزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ماۋنەن مىللىتى ئاممىسى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شۇ جايدىكى ماۋنەن مىللىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىكى خۇشاللىق ھېسسىياتىنى دوكلات قىلدى. ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئىلگىرى باش شۇجىغا خەت يازغان ئامما ۋەكىلى تەن مېيچۇننى قايتا زىيارەت قىلدى، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بايانى ۋە يۈرەك سۆزى −

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى 5 - ئايدا، بىز ماۋنەن مىللىتىدىن بولغان بىرنەچچە يۇرتداش بىرلىكتە، ئۆمرۈمدە ئەڭ ئۇزۇن يېزىلغان، ئەڭ يىراققا ئەۋەتىلگەن بىر پارچە خەتنى يازغانىدۇق، خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىدى.

بىز باش شۇجىغا قەلبىمىزدىكى خۇشاللىق ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى بىلدۈرۈشكە تەقەززا بولدۇق: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى - يۆلىشىدە، بىزنىڭ بۇ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللىتىمىز پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى!

«ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.» − بۇ خەت ئەۋەتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى مۇھىم يوليورۇق بەردى.

بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن بەك خۇشال بولدۇم. بىز كەنت ئېغىزىدىكى چوڭ ياۋا ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ، ماۋنەن تىلىدا «پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە ئون مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى ئېيتتۇق: «بېلىقلار ھەمراھلىقىدا سۇلار تېخىمۇ سۈزۈك، يۇلتۇزلار ھەمراھلىقىدا ئاي تېخىمۇ يورۇق، بىز ئېرىشتۇق ياخشى كۈنلەرگە، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇمايمىز مەڭگۈگە...»

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. مەن ئەسلىدە بىر نامرات ئاھالە ئىدىم، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ قوللىشى ۋە نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ياردىمى - يۆلىشىدە، گەنجۈ ئۆستۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق 2016 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇم. كەسىپ ئارقىلىق بېيىشنىڭ تەمىنى تېتىغاندىن كېيىن، مەن 14 نامرات ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئائىلىلىك ئاممىنى يېتەكلەپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندىم. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ 14 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدۇق.

باش شۇجى يوليورۇقىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئىككى يىلدا، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق.

ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، گەنجۈ ئۆستۈرۈش كۆپچىلىكنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى. گەنجۈنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيە دائىم يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا ئەۋەتىپ، بىزگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يەنە بىزنى سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش، سودىگەرلەر بىلەن ئۇدۇللىشىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى. تېخنىكا ئىگىلەپ، نەزەر دائىرىمىز كېڭەيگەندىن كېيىن، تىجارەت قارىشىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.

كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، بىزمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. مەسىلەن ئېيتايلى، ماۋنەن تاغلىق يېزىسىدا «سەككىز تاغ، بىر دەريا، بىر ئۈلۈش ئېتىز» بولۇپ، گەنجۈ ئۆستۈرۈش تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك كۆلەمگە يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى يەنە كېڭەيتىش بىرقەدەر تەس بولدى؛ يەنە مەسىلەن، گەنجۈ باھاسىدا داۋالغۇش چوڭ بولغاچقا، ئامما بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدى.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمىزگە جاسارەت بېغىشلىدى. مەن گەنجۈ سېتىشنىڭ قىيىن بولۇش سەۋەبىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلدىم، ئەسلىدە باھاسىنىڭ ئۆرلىيەلمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەب ھەر يىلى ئاشۇ مەزگىلدە گەنجۈ بازارغا كۆپلەپ مەركەزلىك سېلىنغاچقا، بىزنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىمىز يوق ئىكەن. مەن گەنجۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن بازارغا سېلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى ئويلىدىم. مەن يەنە كۆپ قېتىم ناھىيەدىكى گەنجۈ كەسپى بويىچە يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ، «سىر»نى ئىگىلىگەندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۈم.

مەن ئۆزۈمنىڭ 120 مودىن ئاشىدىغان گەنجۈلۈك بېغىمدا ئاۋۋال سىناق قىلدىم، بۇ يىل يېڭى يىلدا، بۇ تۈركۈم گەنجۈنى مۇددەتتىن يېرىم ئاي بۇرۇن بازارغا سالدىم، ھەر جىڭىنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدىن بىر يۈەن قىممەت بولسىمۇ، سودىگەرلەر تالىشىپ سېتىۋالدى. توق رەڭلىك گەنجۈ شىمالغا توشۇلىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلانغاندا، كۆڭلۈم شادلىققا چۆمدى. ھازىر بۇ ئەندىزە پۈتكۈل ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كېڭەيتىلىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە كوللېكتىپ تەرەققىي قىلدۇق.

خۇەنجياڭدىكى كارست يەر شەكلى دۇنيا تەبىئىي مىراسى بولۇپ، نۇرغۇن كىشى بىزنىڭ بۇ يەرنى تېغى گۈزەل، سۈيى گۈزەل، «ئەۋلىيالار تۇرغان جاي» دەپ تەرىپلىشىدۇ، لېكىن بۇ جاي ئىلگىرى نامرات ئىدى. ھازىر گەنجۈ، پىلە قۇرتى، شياڭجۇ، ھۈمەلچاي قاتارلىق خاس كەسىپلەر ماۋنەن تاغلىق يېزىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تەرەققىي قىلدى.

مېنىڭ باش شۇجىغا شۇنداق ئېيتقۇم بار: بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز چوقۇم توق رەڭلىك گەنجۈگە ئوخشاش بارغانسېرى تېخىمۇ شېرىن، بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت