شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

كىشىلىك ھوقۇق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى. ئادەمنىڭ ھاياتى، قىممىتى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشمايدىغان ئىنتىلىشى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى بىرىنچى ئورۇندىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ ھەم يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق ھوقۇقىنى قوغدىدى.

ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، «ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق قىممىتى بارغانسېرى نامايان بولدى −

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مىسلىسىز كۆلەمدىكى ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى... بىر نەچچە ئاي ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى تېز سۈرئەتتە يامرىدى، دۆلىتىمىز باشتىن - ئاخىر «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا ئىككىلەنمەي، تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»نى ئاخىرغىچە ئېلىپ باردى.

ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىن دېلتا، ئومىكېرونغا تاقابىل تۇرۇشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، دەل جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەن ئېيتقاندەك: «ئادەم بىلەن ۋىرۇس ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە، ئەڭ يۈكسەك كىشىلىك ھوقۇق ئادەمنىڭ ھاياتى، ساغلام ھايات» بولدى.

ياشاش بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى، نامراتلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ.

ئەگرى - بۈگرى، پاكىز كەنت يوللىرى، قاتار - قاتار كەتكەن دېھقان ئۆيلىرى، ھەرقايسى جايلاردىكى خاس مەنزىرىلەر... باش يازدا سەنشى ئۆلكىسىنىڭ فېنشى ناھىيەسى سېڭنيەن بازىرى دۈەنسۈن كەنتىگە كىرگەندە، لۈلياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ تاغلىق كەنتتە ئۆزگىچە مەنزىرىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

62 ياشلىق سەي ۋېنمىڭ ئەينى يىللاردا كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدى، 2014 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىشىدە ئۇ ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى بىلەن 20 نەچچە قوي سېتىۋالدى، كېيىن تەدرىجىي ھالدا قوي بېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. «بۇلتۇر ئائىلىمىز قوي سېتىپ 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدۇق، خوتۇنۇم ئىككىمىز تېخى ئون نەچچە مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىدۇق، يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلالايمىز، تۇرمۇشىمىز يىلدىن - يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ!» بۈگۈنكى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا ئۇنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشى، تاغلىق يېزىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ كەينىدە دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بار.

جۇڭگو سەككىز يىل ئۇدا كۈرەش قىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملىنىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى.

نامرات نوپۇسنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېمەك - ئىچمەك، داۋالاش قاتارلىق شارائىتلار كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جۇڭگو مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىپ، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

تىنچ - ئامانلىق پۇقرالارنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇشى ھەل قىلىنغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئېھتىياجى، ئىنتايىن مۇھىم خەلق تۇرمۇشى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

قارا، رەزىل جىنايەتلەر تۈپتىن توسۇلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا تۇتقا تۇتۇلۇپ ھەممە ئىشلار يۈرۈشتى، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەربىر مەخسۇس زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتى، ھەربىر يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت تەدبىرى پۇقرالارنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولۇپ، 2020 - يىلى %98.4كە يەتكەن، 2021 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا %98.56كە يەتكەن. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى گاللۇپ ئېلان قىلغان «2021 - يىللىق يەرشارىۋى قانۇن ۋە تەرتىپ دوكلاتى»دا دۆلىتىمىز 93 نومۇر بىلەن 2 - ئورۇندا تۇرغان.

ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئىقتىساد، جەمئىيەت ياخشىلىنىشقا قاراپ راۋاجلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى −

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون كىشى ئەتراپىدا بولغان؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 35 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %80كە يېقىن ئاشقان؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىگەن؛ ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كۆلىمى 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بارغانسېرى بېيىدى، ساياھەت قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى ئىستېمالغا ئايلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سەۋىيەسىدە تارىخىي ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە تېز ئۆستى.

ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ھوقۇق - مەنپەئىتى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولدى −

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرى شەھەر كۇتۇپخانىسىنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئېستېتىكا سارىيىغا كىرىپ، بىر پارچە كىتابنى قولىڭىزغا ئېلىپ دېرىزە ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدا، تولىمۇ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىسىز. بۇ شەھەر كۇتۇپخانىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرى چوقۇم بارىدىغان «توردا ئالقىشلانغان» جايغا ئايلاندى.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىدىن مەملىكەت بويىچە 5605 مۇزېينىڭ ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، %90تىن ئارتۇق نىسبەتنى ئىگىلىشىگىچە، ئاندىن مەدەنىيەت سارىيى، ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيى قاتارلىق مەيدان - سارايلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگىچە... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، باراۋەر بولغان، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى كۈنسېرى تاكامۇللىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، پۇقرالار يېڭى دەۋردە تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى جەھەتتە، 2021 - يىلى، دۆلىتىمىزدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.4كە يېتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى پۇرسىتى تېخىمۇ باراۋەر بولدى؛ ئالىي مائارىپ جەھەتتە، دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 44 مىليون 300 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئالىي مائارىپ ئومۇملىشىپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى راۋاجلاندۇرۇلدى −

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى.

2020 - يىلى 8 - ئايدا، ئىچكى موڭغۇل دالاتې خوشۇنى پۇگېبۇ كەنتىنىڭ كادىرى لى ديەنبو «يۈنفەن» دېگەن تور ئىسمى بىلەن سۆز قالدۇرۇپ، «ئۆزئارا ياردەم بېرىش خاراكتېرىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈشى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ بۇنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئارقىدىنلا كونكرېت تەدبىرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش تارىخىدا «توردا تەدبىر سوراش»نى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى. «بۇ، ئىشىكنى ئېچىپ ئەقىل سوراش جەريانى، تېخىمۇ مۇھىمى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش جەريانى» دېدى لى ديەنبو.

سەمىمىيلىك بىلەن قالدۇرۇلغان سۆز، ئورۇنلۇق بېرىلگەن تەكلىپ باش پېرسوناژلىق قىياپەتنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا نامايان قىلىندى.

كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى −

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى.

كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن بىر قاتار قانۇن - تۈزۈملەر تۈزۈلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش تېزلىتىلدى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ناھەق، خاتا دېلولار قەتئىي تۈزىتىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدى ئېلىندى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭى كۈچەيتىلدى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش بىلەن پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتكۈل جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە قاپلىنىشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئېكولوگىيە كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتى ھەقىقىي قوغدالدى −

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش كۈچەيتىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.

تۇمان - تۈتەكلىك ھاۋارايى ۋە قارا، سېسىق سۇ بارغانسېرى ئازىيىپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بارغانسېرى كۆپەيدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن شەھەر 218گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 12سى كۆپەيگەن؛ مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيى مۇھىتىنىڭ سۈپىتى پۇختا قەدەمدە ياخشىلىنىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونى، جۇجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونى قاتارلىقلارنىڭ سۇ سۈپىتى سىجىل ئەلالاشقان، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ سۇ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىدۇر. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېكولوگىيەنىڭ ناچارلىشىشىنى تىزگىنلەش، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى سىجىل ئاشۇرۇلدى.

دىققەتنى مۇئەييەن كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش

دۆلىتىمىز مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

مېيىپلەرنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىشىگە ياردەم بېرىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى −

قار - مۇز ئۈستىدە، كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان تەنھەرىكەتچىلەر تېيىلىش يول باشلىغۇچىسىنىڭ يېتەكلىشىدە ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ ئاتاكىغا ئۆتتى؛ دەل جايىدا ھېسابلاش، ئۆزئارا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان مۇز چەينەك تەنھەرىكەتچىلىرى مۇز چەينەك بىلەن «ئارزۇ»غا تولغان ئىزلارنى سىزىپ چىقتى... بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى ئۆزىدىن ھالقىپ، ئارزۇغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى.

قار - مۇز ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مول نەتىجىلىرىمۇ نامايان بولدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى، ياردەمچى ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇۋاپىق سەپلىنىش نىسبىتى بىردەك %80تىن ئاشتى، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر كەسپىي تەربىيەلەش بازىلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستۈرۈلدى... 85 مىليون مېيىپنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى.

گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق مېلودىيەسى ئورتاق پۈتۈلدى −

«خوتۇنۇم موڭغۇل مىللىتىدىن، گۆش پىشۇرۇش ئۇنىڭ كاتتا ھۈنىرى؛ ئىككىنچى سىڭلىمنىڭ ئېرى قازاق مىللىتىدىن، قېزا سۈرلەش ئۇنىڭ قالتىس ماھارىتى؛ چوڭ سىڭلىمنىڭ ئېرى خەنزۇ مىللىتىدىن، ئۇنىڭ قىزارتىپ پىشۇرغان بېلىقىنى ھەممەيلەن بەك ياخشى كۆرىمىز.» شىنجاڭدىن كەلگەن ئۆركىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئائىلە ئەزالىرىمىز ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولۇپ، ھەر يىلى باھار بايرىمى، قۇربان ھېيت قاتارلىق بايراملاردا بىر ئائىلە كىشىلىرى بەس - بەستە ھۈنىرىمىزنى كۆرسىتىمىز.

ئۆركىن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ھەر مىللەت ئامما ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئىزچىل تەشەببۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى −

دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتى جەھەتتە، ھەرقايسى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولدى؛ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ تىل - يېزىق جەھەتتە، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە بولدى...

«دۆلىتىمىزدە 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ھەممىسى ئۆز مىللىتى سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ» دېدى مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى بىرلىك سەپ نەزەرىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ياش ئالىمى جاۋ زېلىن.

باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، ياشانغانلار، ئاياللار، بالىلار ئۈچۈن مۇھاپىزەت كۈنلۈكى تۇتۇلدى −

«مېنىڭ بۇ يان تېلېفونۇمدا ساغلاملىق كودىنى سىكاننېرلىغىلى بولمايدۇ، ھۆكۈمەت ماڭا بەرگەن بۇ كارتىنى سىز سىكاننېرلىغان بولسىڭىز؟» «چاتاق يوق، سىزنىڭ يېشىل كودىڭىز كۆرۈندى، كىرىڭ» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى بىلەن قىسقىچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىچىخار شەھىرىدىكى چيۇ يۈشەن بوۋاي تاللا بازارغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ مال سېتىۋالدى.

«تەتۈر يۆنىلىشتە كود سىكاننېرلاش» سىياسىتى پۈتۈن توردا ئالقىشلىنىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان «تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇر» «رەقەملىك ھاڭ»نى يوقىتىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشتىن، ئائىلە، مەھەللە ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، داۋالىنىش - كۈتۈنۈش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشقىچە، تۈرلۈك پۇختا تەدبىرلەر دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەھۋالىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى.

ئەتراپلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل «كەچكى شەپەق» جۇلالاندۇرۇلدى، كۈچلۈك قانۇن - تۈزۈم ئارقىلىق ئاياللار، بالىلارنىڭ شادلىق كۈلكىسى قوغدالدى.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز 100دىن ئارتۇق قانۇن - نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرىدىغان قانۇن سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ مەزگىللىك ئاياللار، بالىلارنىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنى خورلاش، ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى كۈچلۈك جازالىدى.

جۇڭخۇا زېمىنىغا نەزەر سالساق، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانماقتا؛ كەڭ ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشماي، قەيسەرلىك ۋە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى ياراتماقتا؛ ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، ۋەتەننىڭ ئاسرىشىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدە ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار.

يېڭى مۇساپىدە، پارتىيە يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى سىجىل مۇجەسسەملەيدۇ ھەم خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى بېغىشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت