شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«بۇ ئائىلىنى بىر ئۆمۈر قوغداشنى خالايمەن»
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-13 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا

ئالتە يىل ئىلگىرى، خۇ ۋېنلۇڭ بىلەن سايران ئىبراي تۇغقانلاشتى. ئالتە يىلدىن بۇيان، خۇ ۋېنلۇڭ سايران ئائىلىسىگە غەمخورلۇق قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى، سايران دائىم خۇ ۋېنلۇڭغا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قازاق مىللىتىنىڭ ئېسىل تائامى قورداقنى ئېتىپ بېرىدۇ. خۇ ۋېنلۇڭ: كۆپ يىلدىن بۇيان ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئاللىقاچان بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ كەتتۇق، دېدى.

جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستى بازىرى ئارچالى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق سايران ئۈچ قىزى ۋە قىز نەۋرىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. خۇ ۋېنلۇڭ خېبېيدىن جېمىنەي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 2016 - يىلى ئۇلار ئىككى ئائىلە كىشىلىرى تۇغقانلاشتى، ئۇزاق ئۆتمەي سايران قوي پادىسىنى ھەيدەپ چارۋىچىلىق مەيدانىغا يايلاق كۆچۈپ باردى. سايراننىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدا كۆكتات، مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىشىنىڭ ناھايىتى قولايسىز ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، خۇ ۋېنلۇڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىل بىلەن 20 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى ئېلىپ سايران ھەدىنى يوقلاپ باردى. كېيىنكى كۈنلەردە، خۇ ۋېنلۇڭ دائىم چارۋىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ سايران ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ تۇردى، ھەر قېتىم بارغاندا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇزۇلۇپ كەتكەن قوتان، قاشالارنى رېمونت قىلاتتى، قوي - كالىلارغا يەم بېرەتتى، موماينىڭ قىز نەۋرىسىگە دەرس تەكرار قىلىپ بېرەتتى...

2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، سايراننىڭ كىچىك قىزى ئۈمىد تۇسىپقان توي قىلدى، ئاكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇ ۋېنلۇڭ قىز ئۇزىتىدىغان چاغدا ئۈمىدكە قانداقلا قىيىنچىلىققا يولۇقسا چوقۇم ئۆزىگە ئېيتىشنى تاپىلىدى. خۇ ۋېنلۇڭنى تىلغا ئالغاندا، ئۈمىد مۇنداق دېدى: «ئاكام مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان ئادەم، بىر قېتىم ئۇ تۇۋاق تۇتقۇچىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم كەلگەندە يېڭى تۇتقۇچ ئالغاچ كەلدى. ئاچامنىڭ قىزىغا تەكرارلاش ماتېرىيالى كېرەك بولغاندا، ئاكام سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بەردى. بۇ يىللاردا، ئۇ ئائىلىمىزنىڭ مۇشۇنداق چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى قىلىپ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى.

خۇ ۋېنلۇڭ سايران ھەدىنىڭ غېمىنى يەپ، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دائىم ۋاقىت چىقىرىپ سايراننىڭ ئۆيىگە قانداق ياردەم كېرەكلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن باردى، سايران پۇرسەت بولسىلا خۇ ۋېنلۇڭغا ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بەردى. سايران خۇ ۋېنلۇڭنىڭ ئۆزى ئەتكەن قورداقنى يېيىشكە ئامراقلىقىنى بىلەتتى، خۇ ۋېنلۇڭ سايراننىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ قالسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوقۇم بىر چوڭ تەخسىدە قورداق كەلتۈرۈلەتتى. خۇ ۋېنلۇڭنىڭ ئالدىراش بولۇپ كەتسىلا تاماقنى ۋاقتىدا يېمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سايران دائىم ئۇنىڭ سومكىسىغا بىر بولاق قۇرۇت سېلىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا قورسىقى ئاچقاندا ئازراق يەۋېلىشنى تاپىلايتتى.

2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خۇ ۋېنلۇڭ يېڭىلا توي قىلغان خوتۇنى فېڭ چۈننى ئېلىپ سايراننى يوقلاپ باردى، موماي ھاياجانلانغىنىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ قازاق مىللىتىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل تائاملىرىنى ئېتىپ بەردى، يەنە توختىماي فېڭ چۈنگە: «شياۋخۇ ياخشى بالا، ئۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزمۇ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ...» دەپ تاپىلىدى. ماڭىدىغان چاغدا، سايران ئۆز قولى بىلەن ياسىغان چوڭ بىر بولاق تاتلىق قۇرۇتنى فېڭ چۈننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىڭلارنىڭ تاتلىق قۇرۇتتەك شېرىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خۇ ۋېنلۇڭنىڭ قىزى تۇغۇلدى، سايران ئۇنىڭغا قازاقچە دىنارە، دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى. دىنارەنىڭ بىر ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، سايران ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

خۇ ۋېنلۇڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئىككى ئائىلەم بار، بىرى خېبېيدىكى مەن تۇغۇلغان جايدا، يەنە بىرى سايران ھەدەمنىڭ ئائىلىسى. مەن سايران ھەدەم ئەتكەن قورداقنى بىر ئۆمۈر يېيىشنى خالايمەن، بۇ ئائىلىنى بىر ئۆمۈر قوغداشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت