شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-09 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ناھىيە بازىرى دۆلىتىمىز شەھەر ـ بازار سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكى، ئۇ، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە سانائەت ـ يېزا ئىگىلىكى، شەھەر ـ يېزا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئادەمنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە بازىرى نوپۇسىنىڭ يۆتكىلىش، ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، شارائىتى ياخشى بىر تۈركۈم ناھىيە بازارلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ تاللاپ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نوپۇسى ئېقىپ كەتكەن ناھىيە بازارلىرىدا قارىغۇلارچە قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە رايونىنى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تارىخىي مەدەنىيەت يىلتىزىنى ساقلاشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، ھەم چوڭ، ھەم چەت ئەل پاسونىدا بولۇشقا ئىنتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر قۇرۇش، رايون تەسىس قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ناھىيە بازىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر يەنىمۇ تولۇقلىنىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، بىر تۈركۈم ياخشى رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا ئىگە، بايلىق مۇھىتىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك، نوپۇس، ئىقتىسادنىڭ توپلىنىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان ناھىيە بازارلىرى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاممىۋى بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى بىلەن دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ كۆلىمى ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇلۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ زورايتىلىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، دېھقانلارنىڭ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. يەنە بىر مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە خاسلىققا ئىگە، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان ناھىيە بازارلىرى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلۇپ، قوشنا چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر بىلەن بولغان تەرەققىيات پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت