شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش
يوللانغان ۋاقىت :2022-05-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن فاڭ، چى جۇڭشى، دۇڭ رۇيفېڭ، خۇ جې

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇشنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن روھ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

تارقىلىش سۈرئىتى تېز، يوشۇرۇنچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئومىكېرون ئۆزگەرگەن تۈپى پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىدى. جۇڭگودا يەرلىك توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ تارقىلىش نۇقتىسى كۆپ بولۇش، دائىرىسى كەڭ بولۇش، كۆپ يۈزبېرىش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى. بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش فاڭجېنىمىزنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى بەلگىلىگەن، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىمىز ئىلمىي، ئۈنۈملۈك.

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى «كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەزگىل ۋە كۈچەش باسقۇچىدا تۇرماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يەنە بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملىشىمىز، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملىشىمىزنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلەرنى چوڭقۇر، تولۇق، ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، ئۈچتە «قەتئىي بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك:

− تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، تەييارلىق يېتەرلىك بولماسلىق، خىزمەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىش؛

− سەل قاراش، بىپەرۋالىق قىلىش، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قاراش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، باشتىن - ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش؛

− دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى بۇرمىلايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان، ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

قىسمەن رايونلاردىكى توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش... يىغىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، چىڭ تۇرغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلسىلا، بىز چوقۇم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ جەڭ، كەسكىن جەڭدە تېزدىن غەلىبە قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت