شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-27 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستېمال ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياج، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە مۇھىم موتور بولۇپ، ئىقتىسادقا نىسبەتەن ئۇزاق مۇددەتلىك تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، يىراق - يېقىنغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «پىكىر»دە نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈش، قىسقا مۇددەتلىك قوللاش بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىلگىرى سۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىش تەلىپى بويىچە، بەش جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنى قوغداپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي ئىستېمال بۇيۇملىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال ئاساسىي گەۋدىسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ماددىي بۇيۇم ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ساغلام كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش - تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يېشىل ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ناھىيە ۋە يېزىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەك. ئۈچىنچى، تىرەك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىستېمال سۇپىسىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى ئوبوروت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر، خاتىرجەم، سەمىمىي بولغان ئىستېمال مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستېمالنى چەكلەيدىغان توسالغۇ - توسۇقلارنى تۈگىتىپ، ئىستېمال ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستېمال ساھەسىدە قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، كاپالەت تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستېمالنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك. مالىيە - باج جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، ئۆي ئىشلىتىش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بويىچە مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەت ئىستېمالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ كۆزىتىپ ئۆلچەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور ئىستېمالى قاتارلىق ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئىستاتىستىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يانداش لايىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ پىكىردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت