شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] «بىز بىر تۇغقان قېرىنداش»
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

  ئاپتور: لى يانەن

    كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەخمەت مەمەت خىزمەتدىشى خۇاڭ ئەننى يەنە ياتىقىغا باشلاپ كىرىپ، يېقىندا كۆرۈۋاتقان توكچىلىق تېخنىكىسى قورال كىتابىنى ئېلىپ خۇاڭ ئەننىڭ چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى كۈتتى. ئۈستەل ئۈستىگە «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى»، «ياش ئىش ئورنى ماھىرى» قاتارلىق تۈرلۈك تەقدىرنامىلەر، يەنە بىر بىناكارلىق توكچىلىقى مەشغۇلات كىنىشكىسى تىزىقلىق تۇراتتى، «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇاڭ ئەندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇ خىزمەتتە ئۇستازىم، تۇرمۇشتا قېرىندىشىم.» ئەخمەتنىڭ چىرايىدىن مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى.

  28 ياشقا كىرگەن ئەخمەت مەمەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتى 3-ئىدارىسىنىڭ قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىشلەشكە تەكلىپ ئارقىلىق كەلگەن. ئۇنىڭ كوللېكتىپقا تېزدىن سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۈر گۇرۇپپىسى بىر قېتىملىق «ئۇستاز تۇتۇش» پائالىيىتى تەشكىللىدى، ئۇنىڭ توكچى بولغۇسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يېشى تەڭ دېمەتلىك، ئەمما تەجرىبىسى مول توكچى خۇاڭ ئەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇستاز بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرى ئورنىتىلدى.

  «يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا ئاساسلىقى تىل بىلمەيتتىم، خۇاڭ ئەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بوش ۋاقتى بولسىلا ياتىقىمغا كېلىپ، مەن بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن باشلاپ خىزمەتتە دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغىچە پاراڭلاشتى. مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەم ئاستا-ئاستا ئۆستى، ھازىر پىكىر ئالماشتۇرۇشتا مەسىلە يوق.» ئەخمەت كىتابنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ «ئادەتتىكى يېزىقچە ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيمەن» دېدى.

  ياتاقتىكى ئۈستەلدىكى توكچىلىق تېخنىكىسىغا ئائىت ئون نەچچە كىتابنىڭ ھەممىسىنى خۇاڭ ئەن سوۋغا قىلغان، خۇاڭ ئەن قولمۇقول ئۆگەتكەندىن باشقا، يەنە ھەر كۈنى ئۇنى كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغان. «ئەخمەتتە ئىلگىرىلەش ناھايىتى زور بولدى، ناھايىتى تېزلا ئىشقا كىرىشتى، قۇرۇلۇش توكچىلىقى مەشغۇلات كىنىشكىسى ئالدى، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يېقىنلاشتى، دەسلەپكى مەزگىلدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.» خۇاڭ ئەن ئىنتايىن خۇشال ئىدى.

  تۇرمۇشتا ئىككىيلەن قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدۇ. بىر قېتىملىق پاراڭ جەريانىدا ئەخمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خۇاڭ ئەن دەرھال 2000 يۈەن چىقىرىپ ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتى ھەمدە قۇرۇلۇشنىڭ قىشلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇنىڭ يۇرتىغا بىللە بېرىپ يوقلىدى.

  يېقىندىلا قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى ئالدىدا، ئەخمەت خۇاڭ ئەن بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى، «بىز بىر تۇغقان قېرىنداش.» ئەخمەت مۇنداق دېدى: تۈر پۈتۈنلەي تاماملانغاندىن كېيىن، مەن داۋاملىق كېيىنكى تۈردە ئىشلەيمەن، يەنە خۇاڭ ئەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىپ، يۇرتۇمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭدا، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ئەخمەت بىلەن خۇاڭ ئەننىڭ دوستلۇقىدەك قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورنىتىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: خەلق گېزىتى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت