شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​ − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ پېڭ، شى جىڭنەن، شۈ جۇاڭ

«كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە ئىرادە باغلاپ، ئىقتىدار - قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال - خۇرام كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ، ئىدىيە مەنزىلىمىزنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، مەنىۋى كۈچىمىزنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىلنى ئۇرغۇتۇپ ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، كىشىلەرنى ئىدىيەۋى ئىلھامغا ئېرىشىش، ئالىيجاناب غايە تىكلەش، ئۇلۇغۋار جاسارەت يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو ئاخبارات - نەشرىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋېي يۈشەننىڭ تەسىراتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن نەشرىيات كۈچىنى قوشىمىز».

«كىشىلىك دۇنيا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قىزغىن قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يازغۇچى لياڭ شياۋشېڭنىڭ ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۇ ناملىق رومانىمۇ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى داۋالغۇشلار تەسۋىرلەنگەن بۇ ئەدەبىي ئەسەر چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، يەنە جانلىق، ھەقىقىي خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنۈشى نامايان قىلىنغان.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە: <جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىشكە، سەمىمىي - دۇرۇس بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن> دەپ كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى.» لياڭ شياۋشېڭ مۇنداق دېدى: «مەن تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۆز قەلىمىم ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش خىسلىتىنى يارىتىمەن».

كىتاب ئوقۇش بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكلى، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى.

بۇ يىللىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە، بېيجىڭ پۈتۈن شەھەردىكى كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى، ئەمەلىي گەۋدە كىتابخانىسى، تارقىتىش ئورنى قاتارلىق ئالاقىدار ئاپپاراتلار ھەم رەقەملىك كىتاب ئوقۇش سۇپىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، كىتاب ئوقۇشقا ھەمتۈرتكە بولۇپ، 2000 مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە ئىرادە باغلاپ، ئىقتىدار - قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. بىز كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كىتاب ئوقۇش داۋامىدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ يېفېي.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ داڭلىق شەخسلەر كىتاب تەۋسىيە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئالىم سۇن ۋەنيۇڭ مۇنداق دېدى: «كۈنسېرى ئەلالىشىۋاتقان كىتاب تۈرى قۇرۇلمىسى، ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىجادىي نادىر ئەسەرلەر خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى. مەن باش شۇجىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ياخشى ئىزاھلاپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ كىتاب ئوقۇش دۇنياسىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىمەن».

تەبرىك خېتىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى دوۋ گۇيمېينىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ توختىلىپ ئۆتكەن «بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال - خۇرام كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن سۆزىگە قارىتا تەسىراتى چوڭقۇر بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ كىتاب ئوقۇش بۇلۇڭى بار، ھېكايىلەر بار، قىزىقارلىق بولغان كۇتۇپخانا شەكلىدىكى «كىتابخۇمار مەكتەپ» بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، «چوڭلار كىچىكلەرنى يېتەكلەش، ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش» «داڭلىق شەخسلەر مەكتەپكە كىرىش» قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. «بىز كەلگۈسىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە داۋاملىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چۈشىنىشكە، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەشكە يېتەكلەپ، مۇنەۋۋەر كىتابلارنى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولىدىغان ياخشى ئۇستاز ۋە ياخشى دوستقا ئايلاندۇرىمىز» دېدى دوۋ گۇيمېي.

كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇش مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەشتىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭىچە كىتاب ئوقۇش شەكلى ۋە تارقىتىش شەكلى بارغانسېرى كۆپ ئوقۇرمەننى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يېڭى كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى مېنى ئىنتايىن روھلاندۇردى، شۇنداقلا زىممەمدىكى ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» يۆۋېن گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېڭ ۋۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئاۋازلىق ئوقۇش، كارتون، كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك شەكىللەر ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز».

شاڭۋۇ نەشرىياتىنىڭ باش دىرېكتورى لى پىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى بىزنىڭ باش تېمىلىق نەشرىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باش تېمىلىق نەشر ئىشلىرىنىڭ ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە مەدەنىيەت تىرىكى بولۇش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ئاساسىي قاتلام كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز».

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش مۇلازىمەت تورىنىڭ بارغانسېرى زىچ توقۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كىتابخۇمارلىق بارا - بارا جۇڭگونىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە تارقىلىپ، كىتاب ئوقۇش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، كىتابخۇمارلىق كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، كىتابخۇمار جۇڭگو تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە بولدى.

«بىر مەزگىلدىن بۇيان، بىز <مەدەنىيەتكە رەقەملىك ۋارىسلىق قىلىش> ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك كىتاب ئوقۇشنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتتۇق.» خۇبېي جۇڭگو تىل - يېزىقى تورى رەقەملىك نەشرىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇ جيا مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، داۋاملىق تۈردە جانلىق شەكىل، كۆپ خىل سۇپا ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك كىتاب ئوقۇش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەپ، كىتابخۇمار جۇڭگو، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت