شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«باش شۇجى بىزگە تەرەققىياتنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ بەردى»
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جەي

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنياڭ شەھىرى شىنشيەن ناھىيەسىنىڭ تيەنپۇ يېزىسىدىكى تيەنپۇداۋەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «لاۋجيا خەنشې» ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ ئىگىسى خەن گۇاڭيىڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى. يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن گۇاڭيىڭنى قايتا زىيارەت قىلدى.

[كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلەش]

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتتىكى چىغىر يولنى بويلاپ، تيەنپۇداۋەندىكى ئىجادىيەت دۇكانلىرىغا كىرىپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ گۈللىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «لاۋجيا خەنشې» ئائىلىۋى مېھمانخانىسىدا، باش شۇجى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، مېھمانخانا ئىگىسى خەن گۇاڭيىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى.

خەن گۇاڭيىڭ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئەۋلادى، ئىنقىلابىي قۇربان ئائىلە تەۋەسى ئىكەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى، يەنە تېخى يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ ئائىلىۋى مېھمانخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

«يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇشقا بولمايدۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى ياخشى ئۆزگەرتىش، ياخشى قوغداش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مول قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى ۋە يېشىل ئېكولوگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇل».

[خەن گۇاڭيىڭنىڭ يۈرەك سۆزى]

ئارىدىن ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى، ھەر قېتىم شۇ كۈندىكى كۆرۈنۈش ۋە باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئەسلىگىنىمدە، قەلبىم ھاياجان ۋە ئىللىقلىققا تولىدۇ.

ئىلگىرى بىزنىڭ كەنتنىڭ يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى «ئىپتىدائىي» ھالەتتە بولۇپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلان يوق ئىدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت بىزنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا ۋە كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشىمىزگە ياردەم بەرگەندە، باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۆرۈۋېتىلىپ قايتا سېلىنغان ئۆيلەر ناھايىتى ئاز، ئاساسەن كونىسى رېمونت قىلىنىپ، ئەسلىي قىياپىتى ساقلاپ قېلىندى؛ يوللارغا كۆك رەڭلىك تاش تاختا ياتقۇزۇلۇپ، قەدىمىي پۇراق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. قىياپىتى ياخشى ساقلانسا، يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، بۇنداق يېزا ـ كەنتنى كىممۇ ياخشى كۆرمىسۇن؟

يۇرتداشلار چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى، باش شۇجى بىزگە تەرەققىيات ئورنىنى توغرا تېپىپ بېرىپ، بىزنى گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

تاغ ـ دەريالار گۈزەل بولغاچقا، نۇرغۇن فوتوگراف تيەنپۇداۋەنگە كەلدى. باھاردا گۈللەر ئېچىلغاندىن باشلاپ، شاپتۇل چېچەكلىگۈچە، يىڭخۇاگۈلى ئېچىلغۇچە... سۈرەتنىڭ ئۆزى نام كارتىسى، ئالقىشنىڭ ئۆزى «ئېلان» بولۇپ، كەنتىمىزنىڭ بارغانسېرى داڭقى چىقتى.

بۇ ئىككى يىلدا، بىزنىڭ قىزىل مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىمىز ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى. تيەنپۇداۋەنگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار ۋە قىزىل تەربىيە قوبۇل قىلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. ۋاقىت چىقسىلا، مەن «لاۋجيا خەنشې»نى كۆپچىلىكنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىمەن، بەزىدە يەنە ساياھەتچىلەرگە ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىپ كەلگەن قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن.

مېنىڭچە، پەقەت توغرا يولدا ماڭسىلا، چوقۇم بارغانسېرى كۆپ كەنت تيەنپۇداۋەنگە ئوخشاش روناق تاپىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت