شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​«جۇڭگو ئىقتىسادىغا ھەر تەرەپلىمە نەزەر»
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى​

«جۇڭگو ئىقتىسادىغا ھەر تەرەپلىمە نەزەر»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى «جۇڭگو ئىقتىسادىغا ھەر تەرەپلىمە نەزەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 2022 - يىلى 1 - پەسىللىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئېلان قىلىنىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئېنىقسىزلىقى كۈچىيىۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم كۆپ يۈزبېرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى كۆزىتىشتە، ھەم سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۆرلەش - تۆۋەنلەش «ۋەزىيىتى»گە، بازار ئۆزگىرىشىنىڭ «ھالىتى»گە قاراش، ھەم پۇقرالار ئېرىشكەن «ئەمەلىي» نەپكە قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات «يۈزلىنىشى»نى ئىگىلەش كېرەك.

ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زىيارەت قىلىپ، «ھېسابات ئەھۋالى» «بازار ئەھۋالى» «خەلق ئەھۋالى» «ئاساسىي ئەھۋال» قاتارلىق تۆت تەرەپتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كۆزەتتى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن − «ھېسابات ئەھۋالى»غا قاراش: تۆۋەنلەش بېسىمى ئاستىدا، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش كېرەك؛ «بازار ئەھۋالى»غا قاراش: داۋالغۇش ئىچىدە، ھاياتىي كۈچى قانداق بولىدۇ؛ «خەلق ئەھۋالى»غا قاراش: خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرگىلى بولامدۇ - بولمامدۇ؛ «ئاساسىي ئەھۋال»غا قاراش: ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغان ئەھۋالدا، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۆزگىرەمدۇ - ئۆزگەرمەمدۇ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بار» «سىجىل، تېز تەرەققىيات داۋامىدا توپلانغان پۇختا ئاساس بار» «ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بار» «ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان مەنىۋى كۈچ بار».

2022 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش مۇقەررەر يول»دىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چىقىرىش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يەنىلا ئىگە بولغان «بەش ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىت»نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئىزاھلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «بەش مۇقەررەر يول»دا چىڭ تۇرۇپ، «بەش ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىت»نى ياخشى ئىگىلىسەك، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسى ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت باشتىن - ئاخىر بىز تەرەپتە.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت