شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى يەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دىڭ زېڭيى، خۇاڭ يىچېن) جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 9دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان. نەق مەيداندىكى تېببىي نازارەتچىلىك ۋە تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىسى جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

سائەت 9دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى يەر يۈزى ئۆلچەش - تىزگىنلەش پونكىتى ئارقىلىق قايتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلۈمچىسى بىلەن قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلدى. سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ موتورىغا ئوت يېقىلىپ، قايتىش بۆلۈمچىسى بىلەن ئىتتىرگۈچ بۆلۈمچىسى ئايرىلدى. قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغاندىن كېيىن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى نىشاننى ۋاقتىدا بايقىدى ھەم بىرىنچى ۋاقىتتا قونۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ باردى. قايتىش بۆلۈمچىسىنىڭ بۆلمە ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، تېببىي نازارەتچىلىك ۋە تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بوشلۇق پونكىتىنىڭ باسقۇچلۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش باش قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى كۈتۈۋالدى.

شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى، ئارقىدىن تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى بىلەن تۇتىشىپ بىرىكمە گەۋدە شەكىللەندۈردى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى يادرولۇق بۆلۈمچىگە ئورۇنلىشىپ، بۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرۇپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربىتىدا ئۇدا ئۇچۇش ۋاقتى بويىچە يېڭى رېكورت ياراتتى. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا ئۇچقان مەزگىلدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىپ، قول بىلەن كونترول قىلىپ يىراقتىن مەشغۇلات قىلىپ ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش، ماشىنا بىلەك ئارقىلىق بۆلۈمچە بۆلىكىنىڭ ئورنىنى يۆتكەشكە ياردەم قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پەن - تېخنىكا تەجرىبىسى (سىنىقى) قىلىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش كاپالىتى، قايتا ھاسىل قىلىش شەكلىدىكى ھاياتلىق كاپالىتى، بوشلۇق ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، بۆلۈمچىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىش، بۆلۈمچە سىرتىدا مەشغۇلات قىلىش، ئوربىتىدا رېمونت قىلىش قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلارنى دەلىللىدى. ۋەزىپە ئارىلىقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا يەنە ئىككى قېتىم «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»دا دەرس ئۆتتى ھەمدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قاتار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.

شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىنى دەلىللەش باسقۇچىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ پات ئارىدا قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت