شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە توردا پىكىر ئېلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە توردا پىكىر ئېلىش رەسمىي باشلىنىدۇ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى 2022 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە توردا پىكىر ئېلىشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتەك ئېسىل ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلغانلىقى، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى ماڭغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ئالاقە تورى دەۋرىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پايدىلىق ئىزدىنىش.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى توردا پىكىر ئېلىش ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگىچە بولىدىكەن. بۇ مەزگىلدە كەڭ خەلق ئاممىسى خەلق گېزىتخانىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى ھۆكۈمەت تورلىرىدا، ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ھەمدە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى تەسىس قىلغان مەخسۇس ئىستون ئارقىلىق پىكىر - تەكلىپ بەرسە بولىدىكەن.

بۇ قېتىمقى توردا پىكىر ئېلىشنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى سەككىز جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا؛ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا؛ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا.

ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، توپلانغان پىكىر - تەكلىپلەرنى ئالاقىدار تارماقلار جەملەپ، رەتلەپ ۋە تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت