شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتتىق جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن فاڭ، دۇڭ رۇيفېڭ، پېڭ يۈنجيا، گۇ تيەنچېڭ

3 ـ ئايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغان يەرلىك يۇقۇملانغۇچىلار 320 مىڭدىن ئېشىپ، 30 ئۆلكىگە تەسىر كۆرسەتتى... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولدى.

ۋىرۇس بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن توسۇش كېرەك».

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە ئىلىم ـ پەنگە ھۆرمەت قىلىنغان، قانۇنىيەت گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ تامامەن زۆرۈر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، قىممەتلىك تەجرىبە ھېسابلىنىدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر، تېخىمۇ تېز ھەرىكەت ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ مەيدان زور جەڭ، قاتتىق جەڭدە تېزدىن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

«ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە ئىلىم ـ پەنگە ھۆرمەت قىلىنغان، قانۇنىيەت گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ تامامەن زۆرۈر

خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن ـ ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىسىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى باش ئۆلچەم.

جۇڭگونىڭ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئومۇمىي نوپۇس ئاساسىي سانى، زور ياشانغانلار توپى بار بولۇشتەك رېئال دۆلەت ئەھۋالىدا، ئەگەر ۋاقتىدا قاتتىق ئالدى ئېلىنمىسا، تىزگىنلەنمىسە، مۇقەررەر ھالدا ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپ ـ خەتىرى زورىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆلەملىك قايتا كۆرۈلۈش شەكىللىنىدۇ، جۇڭگونىڭ داۋالاش سىستېمىسى زەربىگە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»نىڭ جەۋھىرى، بىرىنچىدىن تېز بولۇش، ئىككىنچىدىن دەل جايىدا بولۇشتىن ئىبارەت. «ھەرىكەت ھالىتى» دەل مۇتلەق نۆل يۇقۇملىنىشنى قوغلاشماسلىقتىن ئىبارەت؛ «نۆللەشتۈرۈش» دەل بىرى بايقالسا، بىرىنى يوقىتىش، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلۈش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. تېز ۋە دەل جايىدا بولغان «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» دەل جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەشتىكى «ئەڭگۈشتەر»ىدىن ئىبارەت.

ئومىكېرون «چوڭ تىپتىكى تارقىلىشچان زۇكام» ئەمەس. تارقىلىش سۈرئىتى تېز، يۇقۇملانغان ئادەم سانى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىشى يەنىلا يۇقىرى ئېنىقسىزلىققا ئىگە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئەھۋال ئەڭ ناچار بولغاندا، ئېھتىمال زەھەرلىك خاراكتېرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئۆزگەرگەن تۈپ پەيدا بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋ مۇنداق قارىدى: بىر قىسىم دۆلەتلەر كۆپ خىل سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تىزگىنلەشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەدبىرىنى تاپالماي، بىراقلا «ئوڭدىسىغا يېتىۋالدى»، بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئامالسىز تاللاش. ئەگەر كېسىلى قوزغالغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانى زور كۆلەمدە كۆپەيسە، بۇ دۆلەتلەر يەنە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرىنى چىڭىتىدۇ.

ۋۇخەندىكى «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جېڭىدە «چېنىقىش»نى، دېلتا يۇقۇمىنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ بىرى بايقالسا، بىرىنى يوقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» تارقىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان ئۆزگىرىشچان تۈپ بىلەن كۆپ قېتىم ھايات ـ ماماتلىق كۈچ سىنىشىشتىن كېيىنكى ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىدىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىرقى باسقۇچتا دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ۋاقتىدا تىزگىنلىشىدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقىقىي ھالدا ئادەمنى ئاساس قىلغانلىقتۇر.

«ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن مۇھىم.» جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: «ھەققانىيەت» بىلەن «مەنپەئەت» ئوتتۇرىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تاللىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» تامامەن ئۈنۈملۈك

4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىلىن شەھەرلىك 5 ـ فاڭساڭ دوختۇرخانىسى بىرمۇ ئاغرىق بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ فاڭساڭ دوختۇرخانىسى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن چاغدا 5000دىن ئارتۇق ئاغرىقنى سىغدۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 30 كۈندە جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ۋۇخەندىن ئايرىلىدىغان يولنى تاقاشتىن ئىبارەت بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىشتىن، نۇرغۇن جايدا قاتتىق، چىڭ تۇتۇش، باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەشتىن ئىبارەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشقىچە... جۇڭگو ئۈنۈملۈك ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئارقا ـ ئارقىدىن يۇقۇم ئالۋاستىسىنى چېكىندۈرۈپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى.

جۇڭگو ئىزچىل تۈردە تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ چوڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتى.

2020 ـ يىلى، يۇقۇم يەرشارىۋى ئىقتىسادقا زەربە بەرگەندە، جۇڭگو «باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمنى تىزگىنلىدى» «باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى» «باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى».

2021 ـ يىلى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.1 ئاشتى، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.1 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

بۇ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئالدىنى ئالالىغاندىلا، ئاندىن يۇقۇم زەربىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى، ئاندىن ئەڭ زور مۇمكىنچىلىك ئىچىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى.

ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشتى.

تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، «تېز ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تىزگىنلەش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ −

بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتىن ئىبارەت «تۆت بالدۇر پىرىنسىپى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراشلىق جاي، تارماق، ئورۇن، شەخستىن ئىبارەت «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىش...

تيەنجىندە، 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى يۇقۇم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن تارتىپ، 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە ئومىكېرونغا قارشى جەڭدە باسقۇچ خاراكتېرلىك جەڭ نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى. شېنجېندا، «ئاستا يۈرۈش كۇنۇپكىسى» بېسىلغاندىن تارتىپ، جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنگە قەدەر، ئون كۈنمۇ ۋاقىت كەتمىدى.

سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى پۇختىلىدى −

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ جىلىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشقا ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئالاقىدار رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 ئۆلكىدىن 40 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم شاڭخەيگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلدى؛ 11 ئۆلكە بىرلىشىپ كاپالەتلىك قىلىش، بىرلىشىپ تەمىنلەش بويىچە شاڭخەينى 18 مىڭ توننا كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى؛ پارتىيە ئەزالىرى ئولتۇراق رايوننىڭ يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەشتىكى ماددىي ئەشيالارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتناشتى... پۈتمەس ـ تۈگىمەس جۇڭگو كۈچى «ئاستا يۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى ۋاقتىنچە باسقان شەھەرلەرگە تىرەك بولدى.

1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»نىڭ ئاممىۋى ئاساسى −

پائال ۋاكسىنا ئەملىتىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماسلىشىش، خېسۇەن تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش... جۇڭگو خەلقى ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى قايتا ـ قايتا توستى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش قېتىم سانى 3 مىليارد 300 مىليوندىن ئاشقان.

«ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي بوشاشماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى كېرەك.

چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، چىڭ تۇرغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز جەزمەن «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

بىر قىسىم رايونلاردىكى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ۋاقتىنچە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن. بىر جاينى چىڭ ساقلاش تېخىمۇ كۆپ جايلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، جۇڭگو تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇردى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ «كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىق»نى ياخشى ھەل قىلىش دەل «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. خەلق تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىش «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش زامانىۋىلاشقان ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا ئېھتىياجلىق. داۋالغۇپ تەكرارلىنىۋاتقان يۇقۇم ئالدىدا، قەتئىي، كەسكىن جاسارەت ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە ئارقىلىق، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىسەك، بىز چوقۇم بۇ مەيدان زور جەڭ، قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت