شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«بىز <گۈزەللىك ئىقتىسادى>غا قاراپ ئاتلىنىپ، ئىشلىگەنسېرى غەيرەتكە تولدۇق!»
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋ

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جوۋشەن شەھىرى دىڭخەي رايونىدىكى شىنجيەن مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان كەنت ئاھالىسى يۈەن چىجۇڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەنىدى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈەن چىجۇڭنى قايتا زىيارەت قىلدى.

[كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلەش]

كەچقۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈەن چىجۇڭنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ھويلىسىغا كېلىپ، ھويلا - ئاران، مېھمانخانا، ئاشخانىنى كۆزدىن كەچۈردى. «دېھقانلار ئارامگاھىنى ئاچقىنىڭلارغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟» «ئادەتتە مېھمانلار كۆپمۇ؟» «قانچىلىك كىرىم قىلىسىلەر؟» باش شۇجى بىر تەرەپتىن ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىر تەرەپتىن زور قىزىقىش بىلەن ئەھۋال ئىگىلىدى.

ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈەن چىجۇڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە باش شۇجىغا شۇ جاينىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يەر بىر تەبىئىي چوڭ ئوكسىگېنخانا، «گۈزەللىك ئىقتىسادى» بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن داۋلىنى دەلىللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن جېجياڭدا خىزمەت قىلغان چېغىمدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەنىدىم، بۇ ئەمەلىي ئېيتىلغان سۆز، ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشى بۇ كۆز قاراشنى چۈشەندى، بىز شۇ بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك.

[يۈەن چىجۇڭنىڭ يۈرەك سۆزى]

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»، يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، باش شۇجىنىڭ سۆزى ھەر ۋاقىت قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. مۇشۇ يىللاردا، بىز شۇ بويىچە ئىش قىلىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، مېنىڭ ئۈچ قىزىم ۋە بىر كېلىنىم دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مۇقىم خىزمەتچىسىگە ئايلاندى، سودىمىز ناھايىتى ياخشى، ھەممىمىز يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق. يانچۇقىمىز تومپايدى، مەن ھويلامنى يېڭىلىدىم، ئۆي ئىچىدىكى غىزالىنىدىغان يەرمۇ كېڭەيدى، يەنە قاچا - قۇچىلارنى بىر خىللاشتۇردۇم، تازىلىق ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ ياسىدىم.

بىزنىڭ ئائىلىلا ئەمەس، نۇرغۇن قولۇم - قوشنىلار ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، يېشى چوڭراق ئاياللار كەنتتە مۇلازىمەتچى بولدى، بىر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 3000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ.

كۈنلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، كەنتمۇ ئۆزگەردى. ئىلگىرىكى پاتقاق يوللارغا تاش تاختىلار ياتقۇزۇلدى، كۆلچەككە سۇنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان ئۆسۈملۈكلەر تېرىلدى، ئەخلەتلەر ئۇدۇللۇق تۈرگە ئايرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى، يەنە ئاممىۋى ھاجەتخانا ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسالدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تازىلىق ئېڭى ئۆستى... ساياھەتچىلەر بىزنىڭ بۇ يەرنى شەھەردىنمۇ پاكىز بولۇپ كېتىپتۇ، دېيىشىدۇ!

تاغ - دەريالار گۈزەل بولسا، كىشىنىڭ كەيپىياتىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ. كەنتنىڭ مەدەنىيەت نومۇرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، يېڭىدىن مەدەنىيەت چوڭ زالى سېلىندى، بېلىقچىلار رەسىمى، تاش رەسىم كەنتنىڭ خاسلىقىغا ئايلاندى، كەنتىمىزنىڭ نامىمۇ سىرتلارغا بارغانسېرى تونۇلدى.

بۇ دەل باش شۇجى بىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن «گۈزەللىك ئىقتىسادى» ئەمەسمۇ؟

مەن باش شۇجىنىڭ يەنە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ مېھمان بولۇشىنى، بۇ يەردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن! مېنىڭ باش شۇجىغا شۇنداق دېگۈم بار: «سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ، بىز <گۈزەللىك ئىقتىسادى>غا قاراپ ئاتلىنىپ، ئىشلىگەنسېرى غەيرەتكە تولدۇق!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت