شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلىندى
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن گېپى گەپ، ئىشى نەتىجىلىك بولۇپ كەلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غايەت زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يەتتە يىلدىن بۇيانقى مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاجايىپ مۇساپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، «دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسەتتۇق» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئىشى، گۈللەپ ياشناۋاتقان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. يەتتە يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشتى، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئورۇنلىرى، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن شەھەرلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، قىزغىنلىق بىلەن قاتناشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» بولۇشتەك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مۇسابىقە مۇلازىمىتى، قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قەرەلىدە بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»نىڭ ئوخشاشلا قالتىس ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى. تۆت مەيدان باشلىنىش، يېپىلىش مۇراسىمى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى باش تېمىسى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن قار ـ مۇز ئامىللىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ رەڭدار نۇر چاقنىتىپ، تەبىئەت گۈزەللىكى، ئادىمىيەت گۈزەللىكى، ھەرىكەت گۈزەللىكى ئىپادىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوبرازى ئىزاھلاندى، ئۈچ مۇسابىقە رايونىنىڭ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مەيدان ـ ساراي ئەسلىھەلىرى، مۇسابىقە ئىشلىرىنى ئەتراپلىق، كەسپىي تەشكىللىشى، ئىللىق، ھەرتەرەپلىمە مۇلازىمىتى مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن بىر مەيدان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى يەنە بىر قېتىم ئورتاق بارلىققا كەلتۈردى، بېيجىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلاندى. مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەيدان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىگە قىزغىنلىق بىلەن دىققەت قىلىپ، زور كۈچ بىلەن قوللاپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىگە بەس ـ بەستە مەدەت بېرىپ ۋە ئۇلارنى ئالقىشلاپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مەدەت بېرىپ ۋە ئۇنى ئالقىشلاپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ئۇدا كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش دۆلىتىمىز قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو، ھەتتا پۈتۈن يەر شارى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە رايون تەرەققىياتىدا قوش مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى يەنە بىر قېتىم سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە خەلقئارا مۇھىم، زور پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىپ، دۇنياغا «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى تارقاتتى!

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەتتە يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەرقايسى سەپتىكى كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتى، تەرى سىڭدۈرۈلدى.» بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ئەھۋالدا ئالغا سىلجىتىلدى، بارلىق قاتناشقۇچىلار «بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالماسلىق، بىر قەدەمنىمۇ خاتا باسماسلىق، بىر كۈنمۇ كېچىكتۈرمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، جاپاغا چىداپ مىسلىسىز تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە شان ـ شەرەپ كەلتۈردى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كەڭ قاتناشقۇچىلىرى جاپالىق ئەجرى، كۈچلۈك ئىرادىسى، غايەت زور جاسارىتى ئارقىلىق، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، شان ـ شەرەپ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى قالتىس تاماملاپ، ۋەتەنگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى، ئىرادىسى بار، شۇنداقلا داۋاملىق يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش ئىقتىدارى، قىزغىنلىقى بار.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتقا بولغان گۈزەل ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن.» مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى ھەمدە ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسى، مېيىپلەر ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە پائال ياردەم بەردى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرى، خەلقئارادىكى دوستانە زاتلار زور كۈچ بىلەن قوللىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، ئىتتىپاق، دوستانە بولغان «دوستلار چەمبىرىكى» «ھەمراھلار توپى» بارغانسېرى كېڭەيدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر ـ بىرىگە ئىلھام بېرىپ، ئاخىرقى چەكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قايناق ھېسسىياتقا تولغان مۇسابىقە جەريانىدا «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزى ۋە «جاسارەت، ئىرادە، رىغبەت، باراۋەرلىك»تىن ئىبارەت مېيىپلەر ئولىمپىك قىممەت قارىشىنى مۇكەممەل نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىر مەيدان تىنچ، دوستانە بولغان كاتتا مەرىكە، بىر مەيدان ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقان كاتتا مەرىكە، بىر مەيدان دۇنيانى ئىلھاملاندۇرغان كاتتا مەرىكە بولدى.

ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، ھەم تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىمىز، پەقەت پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇلار ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلەلەيمىز، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز! بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ، تېخىمۇ قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت