شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» ھەقىقىي تۈردە ئادەمنى ئاساس قىلغانلىق
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چى جۇڭشى، خې شىنرۇڭ

شاڭخەينىڭ بۇ نۆۋەتلىك «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭى «ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ كۈچەيدىغان» باسقۇچقا كىردى. ئىلگىرىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېزلىكتە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرگەن»دىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتىنى تېز سۈرئەتتە توسۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

«ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا ئىككىلەنمەي، تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىدىكى جانلىق ئىزاھات. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىر قىسىم «بىللە مەۋجۇت بولۇش» تاكتىكىسىغا ئەمەل قىلغان دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى، ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانىغا تەقلىد قىلساق، جۇڭگونىڭ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئومۇمىي نوپۇس ئاساسىي سانى، زور ياشانغانلار توپى بار بولۇشتەك رېئال دۆلەت ئەھۋالىدا، «ئوڭدا يېتىۋالىدىغان بولساق» خەلقنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زىيانغا ئۇچراپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

«ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا ئىككىلەنمەي، تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشتا پوزىتسىيە قەتئىي، كەسكىن بولۇشى، ھەرىكەت تېز، كۈچلۈك بولۇشى، تۈرلۈك كاپالەتلەندۈرۈش تولۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە نورمال داۋالىنىش قاتارلىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يادرولۇق ئىقتىدارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى، تەمىنات زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەسىر يۇقۇمى داۋالغۇپ تەكرارلىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى، ئۆزگەرمىگىنى بىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز، باشتىن ـ ئاخىر ئىلىم ـ پەنگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشىمىز بولدى. «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» نۆل يۇقۇملىنىشنى قوغلىشىش ئەمەس، بەلكى يۇقۇمنى تېزدىن كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. ھەرقانداق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە بەدەل تۆلىنىدۇ، لېكىن خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ بەدەل تۆلەشلەر ئەرزىيدۇ.

چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى چۈشەندۈردىكى، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى «ئەڭگۈشتەر». «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگو مۇستەھكەم ئەمەلىي كۈچ ۋە قۇدرەتلىك ئىقتىدارغا ئىگە. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت