شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يۇقۇم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇڭ رۇيفېڭ، گۇ تيەنچېڭ، لى خېڭ

3 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، يۇقۇم 29 ئۆلكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، كۆلەملىك يۇقۇم بىلەن تارقاق يۇقۇم گىرەلىشىپ كېتىش، سىرتقا يامرىغان ئاغرىق مىسالى ھەم يۇقۇمنىڭ داۋاملىق تارقىلىشى كۆپ كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلدى. كۆپ جايلار تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭ - قاتتىق، بالدۇر - تېز، ئىنچىكە - پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملىدى.

يۇقۇم ۋەزىيىتىدە قانداق قىلغاندا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاممىنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەركەزلىك جاۋاب بېرىلدى.

«ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە ئىككىلەنمەي، تەۋرەنمەي داۋاملىق چىڭ تۇرۇلىدۇ

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لېي جېڭلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۇقۇم بىرقەدەر ئېغىر بولغان بەش ئۆلكە ئىچىدە گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، خېبېيدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، شاڭخەي ۋە جىلىندا يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئەۋج ئېلىش ھالىتىدە تۇرماقتا.

«كۆپ جايدا يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەنلىكى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئايرىش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەش، تاسقاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق يادرولۇق تەدبىرلەرنى قاتتىق، چىڭ قوللىنىش ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى پەيدا قىلغان يەرلىك توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا يەنىلا ئۈنۈملۈك بولۇپ، <ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش>تىن ئىبارەت بېكىتىلگەن فاڭجېننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ» دېدى لېي جېڭلۇڭ.

«<ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش> باش فاڭجېنىدا ئىككىلەنمەي، تەۋرەنمەي داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تېز بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى جايلار ئايرىش نۇقتىسى ۋە فاڭساڭ دوختۇرخانىسى زاپىسىنى كۈچەيتىپ، كۆلەملىك يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ھەم تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۇنيوۋ مۇنداق قارىدى: نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىغا باغلىق. بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دوكلات قىلىپ، بالدۇر ئايرىپ، بالدۇر داۋالاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ھالقىغىچە قاتتىق، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ كۆپ نۇقتىدىن تارقىلىش ۋەزىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

داۋالىنىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى كىشىلەر ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

بېيجىڭ داشۆ 1 - دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇيچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاممىنىڭ داۋالىنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر» مەسىلىسىدە، بىرىنچىدىن، ئولتۇراق رايوندىن چىقىش، دوختۇرخانىغا كىرىشتىن ئىبارەت «بىر چىقىش، بىر كىرىش»نى يولغا قويۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، 120 قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن ماسلىشىپ، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ رولىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، توشۇش جەريانىدا قاتناش قوراللىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. «بۇ ئىككى جەھەتتىكى خىزمەت ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق، زۆرۈر بولغاندا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى، پىدائىيلارنىڭ ئاپتوموبىلىدىن پايدىلىنىپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئاپىرىپ - ئەكىلىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش قائىدىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، فاڭساڭ دوختۇرخانىلىرىغا بەلگىلىك نىسبەتتە تېببىي خادىملارنى، داۋالاش - تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى ۋە ئوكسىگېننى سەپلەپ، فاڭساڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئاساسىي كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچىشى ۋە داۋالىشىغا ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ۋاقتىدا يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

«فاڭساڭ دوختۇرخانىلىرى ئاساسلىقى تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە، 60 ياشتىن تۆۋەن، جىددىي قوزغىلىشچان ئاساسىي كېسىلى ۋە روھىي كېسىلى بولمىغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋە يېنىك تىپتىكى ئاغرىق مىساللىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ.» ۋاڭ گۇيچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى بولغان يېنىك تىپتىكى ئاغرىق مىساللىرىغا قارىتا، بەزىبىر دورىلار بىلەن داۋالاش، بولۇپمۇ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارلىق ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئۆلچەش، بولۇپمۇ ئاساسىي كېسىلى بار بولغان، يېشى چوڭراق بولغان، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈش، كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېزدىن بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش كېرەك.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن «ئەملەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئەملەش» داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ

4 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي دوكلات قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەتكەنلەر 3 مىليارد 280 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ، پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەر 1 مىليارد 240 مىليون ئادەمدىن ئاشقان، قاپلىغان ئادەم سانى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %90.70ىنى ئىگىلىگەن. 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەر بىلەن قاپلىنىش سانى 220 مىليون كىشىدىن ئاشقان.

«ياشانغانلار ۋە ئاساسىي كېسىلى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆلۈپ كېتىشنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى تەدبىر يەنىلا ۋاكسىنا ئەملىتىش.» جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىكى ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى باش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خۇاچىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىغا «كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن ئۈنۈمى بار» دەپ باھا بەردى. نۆۋەتتە، ئەڭ جىددىي ئىش تېزدىن پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەش، تېزدىن كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تاماملاش بولۇپ، ئەملەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇاچىڭ يەنە مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەتىياز پەسلى گۈل چېڭى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، گۈل چېڭى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشكە بولمايدىغانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئەگەر گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، بولۇپمۇ گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر بولۇش زىققا قاتارلىق ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ۋاكسىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئەملىتىشى كېرەك. گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىك تارىخى بار ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولىدىغان كىشىلەر ۋاكسىنا ئەملەتكەندە، كىلىنىكا دوختۇرى ياكى ۋاكسىنا ئەملەيدىغان دوختۇرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى، شۇنداقلا ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن 30 مىنۇت كۆزىتىش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت